ھاۋارايى سۈنئىي ھەمراھى نېمە ئۈچۈن يەر تەۋرەشتىن ئالدىن مەلۇمات بېرەلەيدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
ھاۋارايى سۈنئىي ھەمراھى مەخسۇس ھاۋا رايى كۆزىتىشىدە ئىشلىتىلىدىغان سۈنئىي ھەمراھتىن ئىبارەت. ئۇنىڭغا كۆرۈنىدىغان نۇر، ئىنفرا قىزىل نۇر، مىكرو دولقۇن قاتارلىق ھەر خىل يىراقتىن سېزىش ئۈسكۈنىلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئالەم بوشلۇقىدا تۇرۇپ يۇقىرى سۈپەتلىك بۇلۇت سۈرەتلىرىنى تارتالايدۇ، ئاتموسفېرا قاتلىمىدىكى ھاۋا رايى ھادىسىلىرىنىڭ ئۆزگىرىشلىرىنى ئىگىلەپ، يەر يۈزى، دېڭىز يۈزى، ئاتموسفېرا تېمپېراتۇرىسى قاتارلىق ھەر خىل رادىئاتسىيە ماتېرىياللىرىغا ئىگە بولالايدۇ. بۇ ماتېرىياللار بولغاندا، ئالىملار ھاۋا رايىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىپلا قالماستىن، يەنە يەر تەۋرەشتىمۇ ئالدىن مەلۇمات بېرەلەيدۇ.
يەر تەۋرەشتىن بۇرۇن، يەر شارىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ماددىلار كۈچلۈك ھەرىكەتلىنىدىغانلىقتىن، لىتوسفېرادا ئۇششاق، يېرىقچىلار پەيدا بولىدۇ. بۇ چاغدا لىتوسفېرا ئىچىدىكى گازلار ۋە بەزى زەرەتلىك زەررىچىلەر بو يوچۇقلاردىن چىقىشقا باشلايدۇ، نەتىجىدە بۇ گازلار ۋە زەرەتلىك زەررىچىلەر مەزكۇر رايوننىڭ تېمپېراتۇرىسىنى ئۆرلىتىدۇ. ھاۋا رايى سۈنئىي ھەمراھىدىكى ئىنفرا قىزىل نۇرلۇق سىكانېر (تەسۋىر يېيىش ئۈسكۈنىسى) ئالەمنىڭ ئۇ چەت - بۇ چېتىنى كۆرەلەيدىغان <خىسلەتلىك كۆز> دەك يەر شارىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىنىڭ تېمپېراتۇرىسىنىڭ كىچىككىنە ئۆزگىرىشلىرىنىمۇ ئۆز ۋاقتىدا كۆزىتەلەيدۇ. ئەمما يەر شارى سىرتقى يۈزىنىڭ تېمپېراتۇرا ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، پەقەت <خىسلەتلىك كۆز> نىڭ ئۆزىلا قايسىلىرىنىڭ يەر تەۋرەشنىڭ ھەقىقىي بېشارىتى ئىكەنلىكىنى پەرقلەندۈرۈشكە ئامالسىز قالىدۇ. ھاۋا رايى سۈنئىي ھەمراھىدىكى <خىسلەتلىك كۆز> گە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن، ئالىملار چوڭ تىپتىكى كومپيۇتېرنىڭ ياردىمىدە، ھاۋا رايى تارتقان ئىنفرا قىزىل نۇر سۈرەتلىرىنى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى يەر تەۋرەش ئەھۋاللىرى بىلەن سېلىشتۇرۇپ، ئۇلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تېپىپ چىقىپ، يەر تەۋرەش ئالدىدىكى تېمپېراتۇرا غەيرىيلىكى مودېلىنى بەرپا قىلدى.
ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىش ۋە تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ھاۋارايى سۈنئىي ھەمراھىدىن پايدىلىنىپ يەر تەۋرەش يۈز بېرىدىغان ۋاقىت، ئورۇن ۋە يەر تەۋرەشنىڭ كۈچلۈكلۈك دەرىجىسى توغرىسىدا بېرىلىدىغان ئالدىن مەلۇماتنىڭ توغرىلىق دەرىجىسى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، بولۇپمۇ قىسقا مەزگىل ئىچىدىكى يەر تەۋرەشتىن ئالدىن مەلۇمات بېرىش جەھەتتە قانائەتلىنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.