نېمە ئۈچۈن بەزى كومپيۇتېرلار ئادەمنىڭ گېپىنى ئاڭلىيالايدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
بەزى كومپيۇتېرلار ئادەمنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ چۈشىنەلەيدۇ. بۇنداق كومپيۇتېرنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭغا قاراپ گەپ قىلغاندا، قىلغان گەپلىرىمىز دەرھال ئېكراندا كۆرۈنىدۇ؛ ئۇنىڭغا بۇيرۇق بەرسەك، ئۇ شۇ زامان ئىجرا قىلىدۇ.
ئەمەلىيەتتە، ئادەتتىكى كومپيۇتېرلارغا <تاۋۇش پەرقلەندۈرۈش يۇمشاق ماتېرىيالى> ۋە تاۋۇش ئانالىز قىلغۇچ، ساقلىغۇچ، كونترول قىلىش توك يولى قاتارلىق قاتتىق ماتېرىيال ئۈسكۈنىلىرى كومپيۇتېر <سۈنئىي قۇلاق> قا ئىگە بولۇپ، ئادەمنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ چۈشىنەلەيدۇ.
ئۇنداقتا، كومپيۇتېر ئاۋازنى قانداق ئاڭلايدۇ؟
ئادەم كومپيۇتېرغاقاراپ سۆزلىگەندە، كومپيۇتېردىكى مىكروفون تاۋۇش ئۇچۇرىغا ئىگە بولىدۇ ۋە ئۇنى تاۋۇش ئانالىز قىلغۇچىغا يوللاپ بېرىدۇ. تاۋۇش ئانالىز قىلغۇچ تاۋۇش ئۇچۇرى ئامىلىنى ئايرىپ چىقىپ، ئۇنى ساقلىغۇچتىكى ئۆلچەملىك تىلدىن ئىزدەيدۇ ۋە ئۇنىڭ بىلەن سېلىشتۇرىدۇ. ناۋادا، ئوخشاش تاۋۇش ئۇچۇرىنى تاپالىسا، كومپيۇتېر تاۋۇشىنىڭ مەنىسنى <چۈشىنەلەيدۇ> ھەمدە دەرھال مۇناسىپ بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىدۇ.
ئادەتتە تاۋۇش پەرقلەندۈرۈش سىستېىسىنىڭ ھەممىسىدە ئۆگىنىش ئىقتىدارى بولىدۇ. مەسىلەن، سىز كومپيۇتېرغا قاراپ بىر ئابزاس سۆزنى تەكرار ئوقۇسىڭىز، كومپيۇتېر سىزنىڭ ئاۋازىڭىز ۋە رىتىمىڭىزنى بىلىۋېلىپ، ئۆزىنىڭ <چۈشىنىش> ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرەلەيدۇ.