UyghurWiki
UyghurWikiنەمەتۈلكە راستتىنلا ئەقىللىقمۇ؟

تۈلكە راستتىنلا ئەقىللىقمۇ؟

نېمە ئۈچۈن كىشىلەر تۈلكىنى ھىيلىگەر ھايۋان دېيىشىدۇ. گۆشخور ھايۋانلار ئىچىدە تۈلكىنىڭ جۇغى كىچىك، كۈچى ئاجىز بولغاچقا، ئۇ ھاياتلىق ئۈچۈن كاللىسىنى كۆپرەك ئىشىلىتىپ، پىلانلىق ھالدا ئوۋ ئوۋلاشقا ۋە كۈچلۈك دۈشمەنلىرىنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلىنىشقا مەجبۇر بولغان. تۈلكە ياۋا توشقان، قۇش قاتارلىق ئولجىلارنى بايقىغاندا، ئۇلارغا دەرھال قول سالماستىن، بەلكى يالغاندىن كارى بولمىغان قىياپەتكە كىرىۋېلىپ، نۇرغۇن غەلىتە ھەرىكەتلەرنى ئىشلەش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ - دە، ئولجا ئۇنىڭ قىلىقلىرىغا قىزىقىپ كېتىپ، ھوشيارلىقىنى يوقىتىپ قويغاندا ئاندىن ئۇ ئويۇنىنى داۋاملاشتۇرغاچ، ئاستاغىنە ئولجىغا يېقىنلىشىپ، نەچچە مېتىرلا ئارىلىق قالغاندا شىددەت بىلەن ئېتىلىپ بېرىپ ئولجىنى تۇتۇۋالىدۇ. تۈلكىنىڭ يەنە بىر ھۈنىرى يالغاندىن ئۆلگەن قىياپەتكە كىرىۋېلىش. ئۇ تاپخور قاغىنى بايقىغاندا، يەردە ئۆلۈكتەك مىدىر - سىدىر قىلماي يېتىۋېلىپ، قاغىنىڭ ئۆزىنى تەكشۈرۈپ بېقىشىنى ساقلايدۇ. قاغا ئۇنى چوقۇپ بېقىپ، ئۇنىڭ ھەقىقەتەن «ئۆلۈك تۈلكە» ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرۈپ بولۇپ، خاتىرجەم ھالدا يېيىشكە باشلىغاندا، تۈلكە شاپپىدە ئورنىدىن تۇرۇپ قاغىنى تۇتۇۋالىدۇ - دە، مەززە قىلىپ يەۋالىدۇ. تۈلكە ناھايىتى سەزگۈر ۋە ھىيلىگەرلىك بىلەن ھەرىكەت قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۆي قۇشلىرىنى ئوغرىلىقچە ئوۋلىغاندىن كېيىنكى قېچىش ماھارىتى ناھايىتى ئۈستۈن بولۇپ، ئوڭايلىقچە تۇتۇلۇپ قالمايدۇ. ئۇنىڭ فىزىئولوگىيىلىك قۇرۇلما جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكى شۇكى، كۆزى كېچىدە چاقناپ تۇرىدۇ، تۈن پەردىسى تارتىلغان دالىدا بىر نەچچە تۈلكە بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىۋاتقان بولسا، ئۇلارنىڭ كۆزلىرى چاقناپ، كىشىنىڭ قورققىسنى كەلتۈرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە