بالىلار نېمىشقا شاكىلاتنى كۆپ ئىستېمال قىلسا بولمايدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
شاكىلاتنىڭ تەمى ناھايىتى ياخشى بولۇپ، ئاتا - ئانىلار بالىلىرىغا شاكىلات ئېلىپ بېرىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئەمەلىيەتتە، شاكىلاتنىڭ تەركىبىدىكى ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ تۈزۈلۈش نىسبىتى ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ئېھتىياجىغا ماس كەلمەيدۇ، ئوتتۇرا ھېسابتا ھەر 100 دانە شاكىلات تەركىبىدە 65 گرام شېكەر، 27 گرام ياغ، بەش گرام ئاقسىل، 95 مىللىگرام كالتسىي، 190 مىللىگرام فوسفور، ئۈچ مىللىگرام تۆمۈر ۋە ئىنتايىن ئاز مىقداردىكى ۋىتامىن B1، ۋىتامىن B2 بولۇپ، يۇقىرىقى سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، شاكىلاتنىڭ ئاساسلىق تەركىبى شېكەر ۋە ياغ. بىراق، بالىلارنىڭ يېتىلىش باسقۇچىدىكى ئېھتىياجلىق بولغان ئوزۇقلۇقلارنىڭ ئاساسلىقى بولسا ئاقسىل، ۋىتامىن، ئانئورگانىك تۇزلاردىن ئىبارەت. ئۇنىڭدىن باشقا شاكىلاتنىڭ تەركىبىدىكى ياغ مىقدارى يۇقىرىراق بولۇپ، ئەگەر شاكىلاتنى ئارتۇق ئىستېمال قىلغاندا، بالىلاردا قورسىقى تويۇپ قالغاندەك تۇيغۇ بولۇپ، باشقا ئوزۇقلۇقنىڭ قوبۇل قىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. بالىلارنىڭ ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ، چوڭ تەرەت قۇرغاق كېلىدىغان، سەمرىپ كېتىدىغان ئەھۋاللار پەيدا بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، شاكىلاتنىڭ تەركىبىدە نېرۋا سىستېمىسىنى روھلاندۇرغۇچى ماددىلار بولۇپ، بالىلارنى روھلاندۇرۇپ ئۇخلاتمايدۇ. شۇڭا، بالىلار شاكىلاتنى كۆپ ئىستېمال قىلماسلىقى بولۇپمۇ، ئۈچ ياشتىن تۆۋەن بالىلار ئەڭ ياخشىسى شاكىلات ئىستېمال قىلماسلىقى كېرەك.