UyghurWiki
UyghurWikiنەمەيېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئوتتۇرىچە باش ئايلانمىسى قانچە؟

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئوتتۇرىچە باش ئايلانمىسى قانچە؟

نېمە ئۈچۈن يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ باش ئايلانمىسى ئالدى تەرەپ قاشنىڭ ئۇستى، كەينى گەجگە سۆڭەك تۈگۈنچىسىنى بىر ئايلىنىپ چىققاندىكى ئۇزۇنلۇقنى كۆرسىتىدۇ. باش ئايلانمىسى بىر تەرەپ يان يۈزىدىن باشنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى بىلەن مېڭىنىڭ يېتىلىش ئەھۋالىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. بۇمۇ يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق تېنىنىڭ يېتىلىشىدىكى مۇھىم بىر كۆرسەتكۈچ، ھامىلە مەزگىلىدە مېڭىنىڭ يېتىلىشى ئەڭ تېز، شۇڭا تۇغۇلغاندىكى باش ئايلانمىسى نىسبەتەن چوڭراق. بالىلارنىڭ باش ئايلانمىسىنىڭ ئارتىشى بىر ياش ئىچىدە تېزراق بولىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن كۆرۈنەرلىك ئاستىلايدۇ. نورمال ئەھۋال ئاستىدا، تۇغۇلغاندا ئوتتۇرىچە باش ئايلانمىسى 34 سانتىمېتىر، ئالتە ئايلىقىدا 44 سانتىمېتىر ئەتراپىدا، بىر يېشىدا 46 سانتىمېتىر ئەتراپىدا، ئىككى يېشىدا 48 سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ. باش ئايلانمىسىنى ئۆلچىگەندە ئىككى ياشتىن ئىلگىرى ئەڭ پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە بولىدۇ. ئۆلچەشتە يۇمشاق مېتىر بىلەن قاشنىڭ ئۈستىگە يېقىن ئەكىلىپ ھەم گەجگە سۆڭىكى تۈگۈنچىسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى نۇقتىسى بىلەن باشنى بىر ئايلاندۇرۇپ چىقسا بولىدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ باش ئايلانمىسى زىيادە كىچىك بولسا، باشنىڭ زىيادە كىچىكلىك غەلىتىلىكى ياكى مېڭە تولۇق يېتىلمىگەن دەپ قارىلىدۇ. باش ئايلانمىسى زىيادە چوڭ بولسا، كۆپىنچىسى مېڭىگە سۇ يىغىلىش، راخىت كېسەللىكى قاتارلىقلارنىڭ ئالامەتلىرى بولۇپ، ئاساسەن بىنورمال، ئاتا - ئانىلار دىققەت قىلىشى كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئوتتۇرىچە باش ئايلانمىسى قانچە؟ | UyghurWiki | UyghurWiki