UyghurWiki
UyghurWikiنەمەيېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى قانداق ئۆلچەيمىز؟

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى قانداق ئۆلچەيمىز؟

نېمە ئۈچۈن ئاتا - ئانىلارنىڭ بوۋاقلارنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ نورمال ياكى ئەمەسلىكىنى بالدۇراق بىلگۈسى كېلىدۇ. لېكىن بوۋاقلارنىڭ تېنى ھەم ئەقلىي ئىقتىدارى تېخى تولۇق يېتىلمىگەنلىكتىن، بوۋاقلارنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىگە توغرا، ئۆلچەملىك باھا بەرمەك قىيىن. ئادەتتە ئۈچ - تۆت ياشلارغا كىرگەندە ئاندىن ئۆلچەملىك باھا بەرگىلى بولىدۇ. ئەگەر بوۋاقلارنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىگە تەخمىنەن باھا بەرسە، بوۋاق تۇغۇلۇپ تۆت ھەپتىدىن ئالتە ھەپتىگىچە، دىئامېتىرى بەش سانتىمېتىردىن سەككىز سانتىمېتىرغىچە كېلىدىغان قىزىل يىپ توپىنى ئېلىپ، بوۋاق كۆزى بىلەن تەخمىنەن 20 سانتىمېتىر يىراقلىقتىكى ئارىلىقتا ئاستى - ئۈستى، ئوڭ، سول ھەرىكەتلەندۈرسەك، نورمال ئەھۋال ئاستىدا، بوۋاق كۆزىنىڭمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ ھەرىكەتلەنگەنلىكىنى كۆرەلەيمىز. بالدۇر تۇغۇلغان، تۇنجۇققان بوۋاقلارنىڭ مېڭە نېرۋا ھۈجەيرىلىرى زەخىمگە ئۇچرىغانلىقتىن، ئاتا - ئانىلار ئۇلارنىڭ قاراش ھالىتىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشى، ئەگەر ئويغاق ھالەتتە بوۋاقنىڭ كۆزى قاراپ قېتىپ قالغان بولۇپ، سىنچىلاپ قارىيالمىسا ياكى نەرسىگە ئەگىشىپ ھەرىكەتلەنمىسە ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرسىتىپ داۋالىتىش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە