UyghurWiki
UyghurWikiنەمەمەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىنىڭ يۇقۇملىنىشى دېگەن نېمە؟

مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىنىڭ يۇقۇملىنىشى دېگەن نېمە؟

نېمە ئۈچۈن مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسى يۇلۇن ۋە مېڭىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، مېڭە بولسا ئادەم بەدىنىدىكى <قوماندانلىق شتابى> بولۇپ، ئاڭ، تەپەككۇر، تىل، ھېس - تۇيغۇ، ھەرىكەت (ئىچكى ئەزالارنىڭ ھەرىكىتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) قاتارلىقلارنى تەڭشەپ ۋە كونترول قىلىپ تۇرىدۇ، مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىنىڭ يۇقۇملىنىشى بولسا باكتېرىيە، ۋىرۇس، زەمبۇرۇغ، پارازىت قۇرت، سپروفېتا قاتارلىق خىلمۇخىل كېسەللىك قوزغاتقۇچى ئارقىلىق يۇقۇملىنىشنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىدىكى ھەرقايسى ئورۇن (مېڭە يۇلۇن پەردىسى، مېڭە ماھىيىتى، چوڭ مېڭە، كىچىك مېڭە، ئوتتۇرا مېڭە، يۇلۇن، مېڭە تور پەردىسى قاتارلىقلار) نى يۇقۇملاندۇرىدۇ. يۇقۇملىنىش ناھايىتى تېز سۈرئەتتە تارقىلىپ، قىسقا مەزگىل ئىچىدە ئۆلۈم ياكى مەڭگۈلۈك مېيىپنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىنىڭ يۇقۇملىنىشى ئادەتتە ئىككى خىلغا بۆلۈنىدۇ. بىر خىلى ياللۇغلانغان ئورۇنغا قاراپ، مېڭە ياللۇغى، مېڭە - يۇلۇن پەردە ياللۇغى ياكى يۇلۇن ياللۇغى قاتارلىق، يەنە بىر خىلى كېسەللىك مۇسكۇللىرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن باكتېرىيە، ۋىرۇس، زەمبۇرۇغ ۋە پارازىت قۇرت قاتارلىقلار تەرىپىدىن يۇقۇملىنىش ئەھۋالىغا ئاساسەن نام بېرىلىدۇ. ئادەتتە بۇ ئىككى خىل ئامىلنى بىرلەشتۈرۈپ، ئەڭ ئاخىرقى دىئاگنوز ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە
مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىنىڭ يۇقۇملىنىشى دېگەن نېمە؟ | UyghurWiki | UyghurWiki