رېئاكتىۋ ئايروپىلان بېنزىننى يېقىلغۇ قىلامدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
بىر زېھىن سىناش مۇسابىقىسىدە، ھازىرقى زمان رېئاكتىۋ ئايروپىلانىغا يېقىلغۇ قىلىندىغىنى: بېنزىن، كىرسىن، دىزېل دېگەن تاللاش سوئالى چىقىرىلغان. ئەگەر سىزنىڭ بۇ جەھەتتىكى بىلىمڭىز بولمىغاندا، تەسەۋۋۇرىڭىزغا تاينىپلا جاۋاب بەرسىڭىز <بېنزىن> دەپ جاۋاب بېرىشىڭىز مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە بۇ تاللىشىڭىز خاتا.
ئايروپىلان يېڭى كەشىپ قىلىنغان چاغدا، پورشېنىلىق ئىچىدىن يانىدىغان دۋىگاتېل ئورۇنلاشتۇرۇلغان. پورشېنلىق ئىچىدىن يانىدىغان دۋىگاتېل ھاۋا سۈمۈرگەندە سۈمۈرۈلگىنى ماي پارى ياكى ماي پارى بىلەن ھاۋادىن تۈزۈلگەن ئارىلاشما ماددا بولۇپ، چاقپەلەكنى قوزغاتقۇچ قىلىدىغان ئايروپىلانغا ئىشلىتىلگەندە، ئايروپىلان پەقەت ئوتتۇرا، تۆۋەن ھاۋا قاتلىمىدىلا ئۇچالىغان، شۇڭلاشقا ئايروپىلانغا گازغا ئايلىنىش ئىقتىدارى ياخشى بولغان يېقىلغۇ ئىشلىتىلگەن.
ھازىرقى زامان رېئاكتىۋ ئايروپىلانىغا توربىنلىق رېئاكتىۋ ماتور ئىشلىتىلىدۇ، بۇنداق ماتور ھەرىكەتلەنگەندە يېقىلغۇنىڭ كۆيۈشى پورشېنىلىق ئىچىدىن يانىدىغان دۋىگاتېلغا ئوخشاش ئۇنداق توختاپ - توختاپ ھەرىكەتلەنمەستىن، يېقىلغۇ ئوت ئالغان ھامان داۋاملىق كۆيىدۇ(شوپۇر ماتورنى ئۆچۈرۈپ قويمىغاندىن باشقا ۋاقىتلاردا). شۇڭلاشقا، يېقىلغۇنىڭ پارغا ئايلىنىش ئىقتىدارىنىڭ ياخشى بولۇشى تەلەپ قىلىنمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھازىرقى زامان رېئاكتىۋ ئايروپىلانى ئېگىز ئۇچىدىغان بولغاچقا، يۇقىرى بوشلۇقتىكى ئاتموسفىرانىڭ بېسمى نىسبەتەن تۆۋەن بولۇپ، يېقىلغۇ ئاسانلا گازغا ئايلىنىدۇ، ئەگەر بېنزىن يېقىلغۇ قىلىنسا، بېنزىن ماي باكى ياكى ماي يوللىرىدا قايناپ، زور مىقداردىكى ئېنېرگىيە ھاسىل قىلىپ، ماي يولىغا <گاز كەپلىشىپ قېلىش> نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. نەتىجىدە ماتورنىڭ يېقىلغۇ بىلەن تەمىنلىنىشى ياخشى بولماي توختاپ قېلىپ، ئېغىر دەرىجىدە ھادىسە كېلىپ چىقىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، بېنزىن ئىشلىتىلگەندە ماتورنىڭ ئچىكى قىسىمىدىكى سىلىقلاش ئىقتىدارى ناچارلاپ، ماتورنىڭ ئۆمرى تېزلا قىسقىراپ كېتىدۇ. كىرسىننىڭ باھاسى بېنزىننىڭكىدىن ئەرزان، سىلىقلاش ئىتقدارى بېنزىننىڭكىدىن ياخشى بولىدۇ. كىرسىننىڭ قايناش نۇقتىسى يۇقىرى بولغاچقا ئاسان پارلايمايدۇ. شۇڭلاشقا، ھازىرقى زامان رېئاكتىۋ ئايروپىلانغا كىرسىن يېقىلغۇ قىلىنىدۇ.