ئەمچەك توپچىسى ئاغرىشنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭباشقا ئۇسۇللىرى بارمۇ؟
نېمە ئۈچۈن
بالىنىڭ ئېمىش قىياپىتىنىڭ توغرا بولماسلىقى ئەمچەك توپچىسى ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەب بولۇپلا قالماي، ئەستايىدىل، ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزەتسەك، باشقا سەۋەبلەرنىمۇ بايقىيالايمىز. بەزى ئانىلار ئۇزۇنراق ئارىلىق قالدۇرۇپ بالا ئېمىتىشنى ياخشى كۆرىدۇ ياكى مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بالىنى ۋاقتىدا ئېمىتەلمەيدۇ، بالىنىڭ قورسىقى بەك ئېچىپ كەتكەچكە، ئەمچەك توپچىسىنى كۈچەپ شورىغاندا، بالىنىڭ ئېغىز بوشلۇقىدا بىر بوشلۇق شەكىللىنىپ، ئانىنىڭ ئەمچەك توپچىسىغا بېسىم چۈشۈپ ئاغرىيدۇ ھەم يېرىلىشقا باشلايدۇ. بالىنىڭ قورسىقى زىيادە ئېچىپ كەتكەندە، ئەمچەك توپچىسىنى ئاغرىتىۋېتىدۇ، ئەگەر بىر تەرەپتىكى ئەمچەك يارىلانغان بولسا، بالىغا ئاغرىمىغان ئەمچەكنى ئەمگۈزۈش شۇنداقلا بالا ئاغرىغان ئەمچەكنى ئەممەكچى بولسا، ئەمچەك تولغاندا ئاندىن ئېمىتىش كېرەك. سۈت چىققان ۋاقىتتا، ئەمچەك توپچىسىنىڭ ئاغرىشى بەك قاتتىق بولمايدۇ