UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن بىر تال سىم يولىدا كۆپلىگەن تېلېفون ئالاقىسىنى قىلغىلى بولىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن بىر تال سىم يولىدا كۆپلىگەن تېلېفون ئالاقىسىنى قىلغىلى بولىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن ئىلگىرى بىر تال سىمدا پەقەت بىرلا تېلېفوننى ئۇرغىلى بولاتتى. يۈكلىمە دولقۇنلۇق ئالاقىلىشىش تېخنىكىسى بىلەن ئوپتىك تالانتلىق ئالاقىلىشىش تېخنىكىسى بارلىققا كەلگەنگە قەدەر، بولۇپمۇ كومپيۇتېر ئالاقىلىشىش ئىشلىرىغا ئىشلىتىلگەندىن كېيىن، بىر تېلېفون سىمىدا بىرلا ۋاقىتتا كۆپلىگەن تېلېفونلارنى ئۇرغىلى بولۇشتەك تارىخىي خاراكتېرلىك سەكرەش بارلىققا كەلدى. تېلېفوننىڭ يوللاش ئۇچى تاۋۇش سىگنالىنى چاستوتا ئۆزگەرتىش ۋەتەڭشەپ بىر تەرەپ قىلىش ئارقىلىق بىر تېلېفوننىڭ ئاۋازىنى مەلۇم بىر ئېلېكترو ماگىنىت دولقۇنىغا يۈكلەيدۇ، ئوخشاش بولمىغان نەچچە تېلېفوننىڭ تاۋۇش سىگنالىنى ئوخشاش بولمىغان دولقۇن ئۇچىدىكى ئېلېكترو ماگىنىت دولقۇنىغا يۈكلەيدۇ. ئاندىن كېيىن ئوخشاش بولمىغان دولقۇن ئۇچىدىكى ئېلېكترو ماگىنىت دولقۇنىنى ئوخشاش بىر تېلېفون لىنىيىسىدە تارقىتىدۇ. ئۇلار بىر - بىرىگە كاشىلا قىلمايدۇ. مۇشۇنداق بىر تېلېفون لىنىيىسىدە كۆپ تېلېفون ئۇرغىلى بولۇش يۈكىلمە دولقۇنلۇق تېلېفون ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان. ئوپىتىك تالالىق ئالاقىلىشىشتا ئاۋال ئاۋاز سىگنالى ئېلېكتر سىگنالىغا، ئاندىن كېيىن ئېلېكتر سىگنالى ئوپىتىكىلىق سىگنالغا ئايلىنىپ، ئوتپىتىك تالا ئارقىلىق يەنە بىر ئۇچقا يوللىنىدۇ. يورۇقلۇق دولقۇنىنىڭ چاستوتا بۆلىكى ئىنتايىن كەڭ بولغاچقا، ئوخشاش بىر ئوپىتىكىلىق كابېلدا نۇرغۇن تېلېفوننى ئۇرغىلى بولىدۇ. يۈكلىمە دولقۇنلۇق ئالاقىلىشىش بىلەن ئوپىتىك تالالىق ئالاقىلىشىشنىڭ كەشىپ قىلىنىشى بىلەن تېلېفوندا سۆزلىشىشنىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. ھازىر بىر تال ئوپىتىكىلىق كابېلىدا ناھايىتى نۇرغۇن تېلېفون ئۇرغىلى بولىدۇ. رەقەملىك ئالاقىلىشىش تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئوپىتىك تالالىق ئالاقىلىشىش تەدرىجىي ھالدا يۈكلىمە دولقۇنلۇق ئالاقىلىشىشنىڭ ئورنىنى ئىگىلىمەكتە.
← بارلىق تېمىلار نەمە