UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبالىلاردا نېمە ئۈچۈن قارشىلىق كۆرسىتىش كەيپىياتى بولىدۇ؟

بالىلاردا نېمە ئۈچۈن قارشىلىق كۆرسىتىش كەيپىياتى بولىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان ئاتا - ئانىلار بالىلىرىنىڭ تەخمىنەن ئىككى يېرىم ياشقا كىرگەندە ئەسلىدىكى مۇلايىم، گەپ ئاڭلايدىغان بالىنىڭ تۇيۇقسىز جاھىل بولۇپ قالغانلىقىنى، قىلما دېگەن ئىشنى قەستەن قىلىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭغا ئېلىپ بەرمىگەن نەرسىنى يىغلاپ، قەغىش قىلىپ تۇرۇپ ئالغۇزىدىغانلىقىنى بايقىشىدۇ. ئۈچ ياشقا كىرەي دېگەندە بالىلارنىڭ بۇ خىل قارشىلىق كۆرسىتىش كەيپىياتى بارغانسېرى روشەن ئىپادىلىنىدۇ، بۇ ئىككى - ئۈچ ياشلىق بالىلارنىڭ پسىخىكىسىنىڭ تەرەققىي تەڭپۇڭ ھالەتتىكى مەزگىلى بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا بالىلارنىڭ ئۆزىنى ئاساس قىلىش ئېڭى كۈچەيگەن ۋاقىت بولۇپ، باشقىلارغا قارشى تۇرۇشنى ياخشى كۆرىدۇ. باشقىلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئىشىغا ئارىلىشىشىنى، بولۇپمۇ چوڭلارنىڭ ئارىلىشىشىنى ياخشى كۆرمەيدۇ. چوڭلار ئارىلاشقاندا تىنچسىزلىنىپ، بىئارام بولىدۇ، ھەتتا قاتتىق يىغلاپ توختىمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە كەيپىياتنىڭ ئۆزگىرىشى ناھايىتى تېز بولۇپ، ناھايىتى تېز ئاچچىقلىنىدۇ، ئەگەر بالىلاردا يۇقىرىقى ئىپادىلەر بايقالسا، بۇ ئۇنىڭ ئاللىقاچان <قارشىلىق كۆرسىتىش باسقۇچ> قا كىرىپ بولغانلىقنىڭ ئىپادىسى، پسىخولوگلار بۇ ئادەم ھاياتىدىكى <بىرىنچى قېتىملىق قارشىلىق كۆرسىتىش باسقۇچى> دەپ ئاتىشىدۇ. ئاتا - ئانىلار بالىلارنىڭ بۇ خىل قارشىلىق كۆرسىتىشىگە ئارتۇقچە ئەنسىرەپ، جىددىيلىشىپ كەتمىسىمۇ بولىدۇ. پەقەت بالىنىڭ نېرۋا، پسىخىكا جەھەتتىكى يېتىلىش جەريانىدا چوقۇم بېسىپ ئۆتىدىغان جەريان ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىشى كېرەك. بۇ بالىلارنىڭ مۇستەقىللىق خاراكتېرى ۋە مىجەزىنىڭ شەكىللىنىشىدىكى ئاساسلىق ئىپادىلەر بولۇپ، ئاتا - ئانىلار بۇ ئىشتىن خۇشاللىق ۋە پەخىرلىنىش ھىس قىلسا بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە