ھامىلىدار ئاياللار گۆشسىز تاماقلارنى ئىستېمال قىلسا بولامدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
گۆشسىز تاماقلاردا گەرچە ۋىتامىن ۋە مىكرو ئېلېمېنت قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلار نىسبەتەن كۆپ بولسىمۇ، بىراق دېڭىزىيا كىسلاتاسى دېگەن ئوزۇقلۇق ماددا كەم. دېڭىزىيا كىسلاتاسى بىلەن ھامىلىدار ئاياللار ۋە بالىنىڭ كۆرۈش ئىقتىدارىنىڭ ناھايىتى قويۇق مۇناسىۋىتى بار. بىر ئادەم بوغاز مۈشۈكنى تەجرىبە قىلىش ئارقىلىق، بوغاز مۈشۈكنىڭ دېڭىزىيا كىسلاتاسى قانچە كۆپ بولسا، كۆرۈش ئىقتىدارىنىڭ نورمال يېتىلىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئەكسىچە بولسا، يەنى دېڭىزىيا كىسلاتاسىنى قانچە ئاز ئىستېمال قىلسا كۆرۈش ئىقتىدارىنىڭ ناچارلىشىپ كېتىدىغانلىقى، كۆرۈش ئىقتىدارى تورلىشىپ، ئېغىر دەرىجىدە چېكىنىدىغانلىقىنى، ھەتتا كۆزى كۆرمەس بولۇپ قالىدىغانلىقىنى بايقىغان. شۇڭا، ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن ئاياللار گۆشسىز تاماقنى داۋاملىق ئىستېمال قىلسا ياخشى ئەمەس دەيمىز، ئوزۇقلۇقى تەڭپۇڭ كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، دېڭىزىيا كىسلاتاسىنىڭ كەم بولۇشى ناھايىتى ئاز كۆرۈلىدۇ. چۈنكى نۇرغۇنلىغان ھايۋانلاردا بەلگىلىك مىقداردا دېڭىزىيا كىسلاتاسى بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئادەم بەدىنى ئۆزىدىن ئاز مىقداردا بىرىكتۈرەلەيدۇ. بىراق ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن ھامىلىدار ئاياللارنىڭ دېڭىزىيا كىسلاتاسى ئادەتتىكىگە قارىغاندا بىر ئاز كۆپ بولىدۇ، بۇ يېمەكلىكلەرنىڭ نەتىجىسى. شۇڭا، ھامىلىدار ئاياللار يېمەكلىكلەرنى مۇۋاپىق تەڭشەپ تۇرۇشى كېرەك. بولمىسا ئۆزىگىلا ئەمەس، كېيىنكى ئەۋلادقىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ.