يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ تۆۋەن قان شېكىرى كېسىلىنى قانداق كۈتۈش كېرەك؟
نېمە ئۈچۈن
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ تۆۋەن قان شېكىرى كېسىلىنى كۈتۈشتە، ئالدى بىلەن ئاكتىپ ھالدا ئېنېرگىيە تولۇقلاش، تۇغۇلغاندىن كېيىن ئىمەلىگىدەك گىرىپتار بولغۇچى بوۋاققا ئېمكانقەدەر بالدۇر ئانا سۈتى بىلەن بېقىشنى تەشەببۇس قىلىش ياكى دەل ۋاقتىدا 10% لىك گلۇكوزا بېرىش، تۇغۇلغاندىن كېيىن ئىمەلمەيدىغان گىرىپتار بولغۇچى بوۋاقلارغا مەسىلەن: بالدۇر تۇغۇلغان بوۋاقلار ياكى تۇنجۇققان بوۋاقلار قاتارلىقلارغا ئېمكانقەدەر تېز ۋىنا قانىلى قۇرۇپ، گلۇكوزىنىڭ تولۇقلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ۋىنادىن گلۇكوزا ئۇرغاندا ماڭدۇرۇلغان سۇيۇقلۇقنىڭ مىقدارى ۋە سۈرئىتىنى كونترول قىلىشنى قاتتىق ئىجرا قىلىش ھەم قەرەللىك قان قەنتىنى ئۆلچەپ تۇرۇش، ۋاقتىدا سۇيۇقلۇقنىڭ مىقدارى ۋە سۈرئىتىنى تەڭشەش، يۇقىرى قان شېكىرى كېسىلىنىڭ يۈز بېرىشىگە نىسبەتەن ھوشيار بولۇش؛ ئاندىن ئىسسىقلىق ساقلاشقا دىققەت قىلىپ گلۇكوزىنىڭ سەرپىياتىنى ئازايتىش. ئەڭ ئاخىرىدا، گىرىپتار بولغۇچى بوۋاقنىڭ ئىنكاسىغا دىققەت قىلىش مەسىلەن روھىي - ھالىتى، ئىنكاسى، يىغا ئاۋازى ھەم تارتىشىش ئەھۋالى، ئەگەر نەپەس ۋاقىتلىق توختاش بايقالسا دەرھال دۈمبىسىگە، پۇت ئالىقىنىغا ئۇرۇش قاتارلىق دەسلەپكى قەدەمدىكى ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىش، شۇنداقلا گىرىپتار بولغۇچى بوۋاقنىڭ ئوكسىگېن كەملىك ئەھۋالىغا ئاساسەن مۇۋاپىق ئوكسىگېن سۈمۈرتۈشكە دىققەت قىلىش كېرەك.