نېمە ئۈچۈن دورىنى قەرەلىدە، مىقدارى بويىچە ئىچىش كېرەك؟
نېمە ئۈچۈن
دوختۇر بىمارنىڭ كېسىلىنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن، ھەمىشە قايسى دورىلارنى يېيىش، كۈندە نەچچە قېتىم، ھەر قېتىمدا قانچىلىكتىن يېيىش كېرەكلىكىنى ئېيتىدۇ. بۇ كېسەللىكىنى داۋالاشنىڭ ئېھتىياجى، چۈنكى دوختۇر بىمارنىڭ كېسىلىنىڭ خاراكتېرى، ئېغىر - يېنىكلىكى، ئورنى ۋە بىمارنىڭ يېشى، بەدەن قۇۋۋىتىگە ئاساسەن بېرىدىغان دورىنىڭ مىقدارى، دورا ئىچىش قېتىم سانى ۋە قانچىلىك ۋاقىتتا بېر قېتىم ئىچىدىغانلىقىنى بېكىتىدۇ.
ھەممەيلەنگە ئايان، بىمارنىڭ تېنىدە دورىنىڭ ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرۇپ، داۋالاش مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، دورا مەلۇم مىقداردا يەتكۈزۈلۈشى كېرەك. دورا مىقدارى بەك ئاز بولۇپ قالسا، رول ئوينىيالماي قالىدۇ، بەلكىم مىكروب، كېسەللىك ۋىرۇسلىرىدا دورىغا قارشى تۇرۇش كۈچى شەكىللىنىپ قېلىشى مۇمكىن؛ بەك كۆپ بولۇپ كەتسە، ئادەم بەدىنىنى زەھەرلەپ، ناچار رېئاكسىيە پەيدا قىلىشى مۇمكىن. دورا ئادەم بەدىنىگە كىرىپ، پارچىلىنىپ رول ئوينىغاندىن كېيىن، ئاستا - ئاستا ئۈنۈمىدىن قالىدۇ ۋە تەدرىجىي ھالدا سۈيدۈك، تەر ياكى چوڭ تەرەت ئارقىلىق بەدەن سىرتىغا چىقىپ كېتىدۇ. دورىنىڭ ئۈنۈمىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، بىمار مەلۇم ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن بىر قېتىم دورا يېيىشى كېرەك. مەسىلەن، سولفادىئازىن (خۇاڭئەنمىدىڭ) رولىنى جارى قىلدۇرۇپ بەدەن سىرتىغا چىقىپ كەتكۈچە تۆت سائەت ئۆتىدۇ، شۇڭا بۇ دورىنى بىمار ھەر تۆت سائەتتە بىر قېتىم ئىچىشى كېرەك.
ئوخشاش بولمىغان دورىلارنىڭ ئىچىلىش ۋاقتىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ، چۈنكى ئوخشاش بولمىغان تىپتىكى (مەسىلەن، تابلېتكا، تالقان، ئوكۇل قاتارلىقلار) ئوخشاش بولمىغان دورىلارنىڭ ئادەم بەدىنىدە تۇرۇش، داۋالاش رولىنى جارى قىلدۇرۇش ۋە بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋېتىش ۋاقتى ئوخشاش بولمايدۇ، شۇڭلاشقا ھەر خىل دورىنى يېيىش ۋاقتى ۋە قېتىم سانى ئوخشاش بولمايدۇ.
دورا ئىچىش ۋاقتىنى بەلگىلەشتە، دەم ئېلىشقا تەسىر يەتكۈزمەسلىك پرىنسىپى بويىچە، ئادەتتە كېچىسى دورا ئىچىش ئورۇنلاشتۇرۇلمايدۇ. لېكىن ئالاھىدە ئەھۋالدا، كېسەللىك ئېھتىياجىغا ئاساسەن، بەزىدە كېچىسىمۇ دورائىچىشكە توغرا كېلىدۇ، مەسىلەن، قىزىتمىسى ئۆرلەپ كەتكەن بىمارلار كېچىسىمۇ قىزىتما قايتۇرۇش تابلېتكىسى يېيىشى ياكى ئوكۇلى ئۇردۇرۇشى كېرەك.
شۇڭا، بىمارلار ئۆيىدە دورا يېگەندە، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى ۋە دورىنىڭ چۈشەندۈرۈشىدىكى تەلەپلەر بويىچە، دورىنى ۋاقتىدا، مىقدارى بويىچە يېيىشى لازىم.