UyghurWiki
UyghurWikiنەمەكۆكتات شىرنىسىنى قانداق قىلىش كېرەك؟

كۆكتات شىرنىسىنى قانداق قىلىش كېرەك؟

نېمە ئۈچۈن سەي شىرنىسىنى يېمەكلىك ئورنىدا ئىشلىتىش ئەمچەكتىن ئەمدىلا ئايرىلغان بالىلارنىڭ ۋىتامىن تولۇقلاشتىكى مۇھىم جەريانى، بۇنىڭ ئىچىدە كۆپ مىقداردىكى ۋىتامىن C ۋە باشقا سۇيۇق ۋىتامىنلار ئېرىيدۇ. بىراق نۇرغۇن كىشىلەر كۆكتات شىرنىسىنى قانداق ياساشنى بىلمەيدۇ، بىز شىرنىسىنى ئېلىش ئۈچۈن كۆكتات تاللىغاندا تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىشىمىز كېرەك: ئادەتتە كۆكتاتلارنىڭ ئارىسىدا يېشىل رەڭلىكلىرىنىڭ ئوزۇقلۇق مىقدارى يۇقىرى، سېرىق رەڭلىكلىرىنىڭ ئىككىنچى ئورۇندا، ئاق رەڭلىكلىرىنىڭ ئەڭ تۆۋەندە تۇرىدۇ. مەسىلەن: پالەك، يېسىۋىلەك قاتارلىقلاردا ئوزۇقلۇق نىسبەتەن كۆپ. ئاق تۇرۇپ، كاۋا قاتارلىقلاردا بىر ئاز تۆۋەن. بامبۇك نوتىسى، قاپاق، تەكىيە كاۋىلارنىڭ تېخىمۇ تۆۋەن بولىدۇ. سەي شىرنىسى قىلىدىغان ۋاقىتتا، يۇمران يېشىل كۆكتاتلارنى تاللاش كېرەك، بىر تۈپ كۆكتاتنىڭ سىرتىدىكى يېشى يوپۇرماقلىرىغا قارىغاندا، ئىچىدىكى يوپۇرماقلىرىنىڭ ئوزۇقلۇق مىقدارى تۆۋەن. بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يېتىلىشى جەريانىدا قۇياش نۇرى بىلەن ئۇچرىشىشىغا مۇناسىۋەتلىك، سىرتىدىكى يوپۇرماقلىرى كۆپرەك قۇياش نۇرىنى قوبۇل قىلغاچقا، ئوزۇقلۇق مىقدارى مول. ئىچىدىكى يوپۇرماق قۇياش نۇرىنى كۆپ كۆرمىگەچكە، ئوزۇقلۇق مىقدارى تۆۋەن. سەي شىرنىسى قىلىدىغان ۋاقىتتا زىيادە قايناق سۇدا بەك قاينىتىۋەتمەسلىك كېرەك، چۈنكى سەي تەركىبىدىكى نۇرغۇنلىغان ئوزۇقلۇق ماددىلار زىيادە قايناپ كەتسە بۇزۇلۇپ كېتىدۇ. ئادەتتە 30 مىنۇت ئەتراپىدا قايناتسا، ئوزۇقلۇق ماددىلارمۇ پارچىلىنىشقا باشلايدۇ. شۇڭا سۇ قايناتقاندىن كېيىن تۇۋاقنى يېپىپ 10 ~ 15 مىنۇتقىچە دۈملەش كېرەك. يەنە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، سەي شىرنىسى چوقۇم پاكىز بولۇشى، ھەر قېتىم تەييارلىغاننى بىر قېتىمدىلا ئىشلىتىپ بولۇش كېرەك. ئىشلىتىپ بولالمىغاننى كېيىنكى قېتىم ئىشلەتسە بولمايدۇ، چۈنكى ساقلىنىش جەريانىدا سەي شىرنىسىنىڭ يېڭىلىقى ئۆزگىرىدۇ ۋە ئوزۇقلۇق ماددىلار پارچىلىنىپ تۈگەپ كېتىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە