UyghurWiki
UyghurWikiنەمەپەرزەنتلىرى بىلەن كىتاب ئوقۇغاندا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟

پەرزەنتلىرى بىلەن كىتاب ئوقۇغاندا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟

نېمە ئۈچۈن ئاتا - ئانىلارغا كىتاب ئوقۇپ بېرىشنى، ھېكايە سۆزلەپ بېرىشنى قانچە بالدۇر باشلىسا شۇنچە ياخشى. ئىككى ياشتىن ئالتە ياشقىچە بولغان ۋاقىت ئەڭ ياخشى ۋاقىت. كىتاب ئوقۇش، ھېكايە سۆزلەشتىمۇ شەكىل، ئۇسۇلغا دىققەت قىلىش كېرەك. ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى بېجىرگەنگە ئوخشاش ئىش قىلىشقا بولمايدۇ. ئەڭ ياخشىسى ھەر كۈنى بالىلارغا كىتاب ئوقۇپ بېرىش، ھېكايە سۆزلەپ بېرىش ۋاقتىنى ئاجرىتىپ، بالىلار ئۈچۈن كىتاب ئوقۇش، ھېكايە سۆزلەشتىن ئاۋۋال، ئەتراپلىق تەييارلىق قىلىشى كېرەك. بالىنىڭ چۈشىنىشىگە ئوڭاي بولۇشى ئۈچۈن، ئۇزۇنراق جۈملە ۋە تىنچ ھالەتتىكى تەسۋىرلەشنى ئازلىتىش كېرەك. ھېكايە ناھايىتى ئۇزۇن بولۇپ، بىر قېتىمدىلا سۆزلەپ تۈگىتىشكە ئامالسىز قالغاندا، ئەڭ ياخشىسى ھېكايىنىڭ مەلۇم بىر بۆلىكى ياكى كىشىنى قىزىقتۇرىدىغان، جىددىيلەشتۈرىدىغان يېرىگە كەلگەندە، توختىتىپ قويسا بولىدۇ. ئۇدا بىر قانچە قېتىم مۇشۇنداق قىلغاندا، بالىغا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغىلى ۋە بالىنىڭ ھېكايىنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئاڭلىشىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ. بىللە ئوقۇيدىغان كىتاب بولۇپلا قالماي، يەنە ئەتراپتىكى باشقا ماتېرىياللاردىن پايدىلانسىمۇ بولىدۇ. مەسىلەن: ژۇرنال، گېزىت قاتارلىقلار ياكى قاتناش ئۆلچىمى، ئېلان قاتارلىقلار. بالىنىڭ يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ئاددىي رەسىملىك كىتابلاردىن ئاستا - ئاستا مەزمۇنى مول كىتابلارغا ئۆتسە بولىدۇ. بۇ بىر تەرتىپلىك جەريان بولۇپ، بالىدا خۇددى بىر ئويۇن ئوينىغانغا ئوخشاش خۇشاللىنارلىق ئىش دېگەن تۇيغۇنى پەيدا قىلىپ، ھەرگىزمۇ بالىنى مەجبۇرلىماسلىق كېرەك. ئاتا - ئانىلار شۇنى ئېسىدە تۇتۇشى كېرەك. <تەربىيىنى بۆشۈكتىكى ۋاقتىدىن باشلىسا بولىدۇ. بىراق چوقۇم بالىنىڭ ياقتۇرۇشىنى ۋە خۇشاللىق كەيپىياتى ئىچىدە ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك>. ھەرگىزمۇ ھېكايە ئاڭلاشنى دىققەت ياكى بىرەر نەرسە ئالماشتۇرىدىغان شەرت قىلىۋالماسلىق كېرەك. بۇ بالىلارنىڭ كىتابقا بولغان ناچار تەسىرىنى پەيدا قىلىدۇ ھەم بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۆگىنىشىگە تەسىر يېتىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە