ئانا - بالىنىڭ بىر ئۆيگە كىرىشى دېگەن نېمە؟
نېمە ئۈچۈن
ئانا - بالىنىڭ بىر ئۆيگە كىرىشى دېگىنىمىز — ئانا نورمال ھالەتتە تۇغقاندا ياكى قورساقنى يېرىپ تۇغقاندا، بوۋاق بىلەن بىرلىكتە تۇغۇتتىن كېيىنكى كۈتۈنۈش ئۆيىگە كىرىپ، بوۋاق بىلەن ئانىنىڭ 24 سائەت بىرگە تۇرۇشىنى كۆرسىتىدۇ. داۋالاش ۋە ئاسراش ئۈچۈن ئانا - بالا ئىككىسى ئادەتتە ئايرىۋېتىلىدۇ. بىراق، بىر سائەتتىن ئېشىپ كەتمەيدۇ، بۇ خىل نەزەرىيە تېخى يېقىنقى يىللاردىلا دىيارىمىزغا يېتىپ كەلدى. ئەنئەنىۋى كۆزقاراشتا، ئانا تۇغۇت جەريانىدا قاتتىق چارچاپ، ھالى قالمىغاچقا، بالىنى ئېمىتىشكە بولمايدۇ دەپ قارىلىپ، بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن بالىنى بالىلار ئۆيىگە ياتقۇزاتتى، ئانىنىڭ بالىنى كۆرۈش ئارزۇسى، ئون ئاي قورساق كۆتۈرۈپ تۇغقان بالىنى ئۆز قولى بىلەن قۇچاقلاش ئارزۇسى، بالىنى ئېمىتىش ئارزۇسى، بىرقانچە سائەتلەردىن كېيىن ئەمەلگە ئاشاتتى. كۆپ يىللىق ئىلمىي ئىسپاتلار ئاخىرى ئەنئەنىۋىلىكنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئانا - بالىلار بىر ئۆيدە بولۇش ئىشىنى ئەمەلگە ئاشۇردى.