UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبالىلارغا ئۇششاق - چۈششەك يېمەكلىكلەرنى قانداق تەڭشەپ بېرىش كېرەك؟

بالىلارغا ئۇششاق - چۈششەك يېمەكلىكلەرنى قانداق تەڭشەپ بېرىش كېرەك؟

نېمە ئۈچۈن بالىلارنىڭ ئاشقازان سىغىمچانلىقى كىچىك، ھەرىكەت مىقدارى كۆپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يېتىلىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقاچقا، يېمەكلىكلەرنىڭ ھەزىم قىلىنىشى ناھايىتى تېز بولىدۇ. بەزى ئاتا - ئانىلار بالىلىرىنىڭ بىر ئاز ھەرىكەت قىلىپلا قورسىقىنىڭ ئېچىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلىشىدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا، مۇۋاپىق ھالدا، ۋاقتىدا بالىلارغا ئۇششاق - چۈششەك يېمەكلىكنى بەرسە، بالىلارنىڭ ئوزۇقلۇققا بولغان تەلىپىنى قاندۇرغىلى بولىدۇ، ھەم ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگىمۇ پايدىلىق. بالىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇششاق - چۈششەك يېمەكلىكلەرنى يېمىسە بولمايدۇ ئەمەس، بەلكى ئىلمىي ھالدا تاللاپ ۋە مۇۋاپىق ھالدا بېرىش كېرەك. ئالدى بىلەن بالىلارغا ئۇششاق - چۈششەك يېمەكلىكنى تاللىغاندا، ئەگەر شارائىت يار بەرسە، ئىمكانقەدەر بالىلارغا ئۆزى بىر ئاز ئۇششاق - چۈششەك يېمەكلىكلەرنى قىلىپ بەرسە بولىدۇ. مەسىلەن: پۇرچاق مانتىسى، پىرەنىك، قۇرۇق مېۋە قاتارلىقلارنى بەرسە بولىدۇ. بۇ ھەم تېجەشلىك ھەم بىخەتەر بولۇپ، بالىلارنىڭ ئوزۇقلۇق جەھەتتىكى تەڭپۇڭلۇقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئەگەر ئۇششاق - چۈششەك يېمەكلىكنى سېتىۋالغاندا، چوقۇم ئىشلەپچىقىرىلغان ۋاقتىغا، سۈپىتىگە، مۇددىتىگە قاراش. يەنە، ئۇششاق - چۈششەك يېمەكلىكنى يېيىش ۋاقتىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. يەنى ئىككى ۋاخ تاماق ئارىلىقىدا ياكى چوڭراق پائالىيەتتىن كېيىن بەرسە، ئوزۇقلۇق تولۇقلاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. بىراق تاماقتىن بۇرۇن، ئۇخلاشتىن بۇرۇن، تېلېۋىزور كۆرۈۋاتقاندا ئۇششاق - چۈششەك يېمەكلىكلەرنى بەرمەسلىك ئۇششاق - چۈششەك يېمەكلىكلەرنى كۆپ بېرىپ، بالىلارنىڭ ئىشتىھاسىنىڭ تۇتۇلۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە