UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبىر يېرىم ياشتىن ئىككى ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ يېمەك - ئىچمىكىدە قانداق ئالاھىدىلىك بار؟

بىر يېرىم ياشتىن ئىككى ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ يېمەك - ئىچمىكىدە قانداق ئالاھىدىلىك بار؟

نېمە ئۈچۈن بالا بىر يېرىم ياشقا كىرگەندە ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، يېمەك - ئىچمەك تۈرى ۋە يېمەكلىكلەرنىڭ پىششىقلاپ ئىشلىنىش شەكلىگە بولغان تەلىپىمۇ ئاستا - ئاستا چوڭلارغا يېقىنلىشىدۇ، زىرائەت، كۆكتات ۋە گۆش قاتارلىقلار بالىلارنىڭ ئاساسلىق يېمەكلىكى بولۇشقا باشلايدۇ. بىراق، بۇ ۋاقىتتا يەنىلا ئوزۇقلۇقنىڭ تەڭپۇڭلۇقى ۋە ھەزىم قىلىنىشىغا دىققەت قىلىش؛ چوڭلارنىڭ يېمەك - ئىچمەك قائىدىسىنى پۈتۈنلەي قوللىنىشقا بولمايدۇ، ئەتىگەنلىك تاماقتا بالىلارغا مايدا پىشۇرۇلغان پىلتە قۇيماق، پوشكال قاتارلىق نەرسىلەرنى بېرىشكە بولمايدۇ. بولكا، پىرەنىك، توخۇ تۇخۇمى، كالا سۈتى قاتارلىقلارنى بېرىش كېرەك؛ ھەر كۈنلۈك ئىستېمال قىلىدىغان سۈت مىقدارى ئەڭ ياخشىسى 250 مىللىلىتىر ئەتراپىدا بولۇش؛ سۈت مىقدارىنى ئازلاتقاندىن كېيىن ھەر كۈنى بالىلارغا ئىككى قېتىم پېچىنە بېرىش؛ بىراق زىيادە كۆپ بەرمەسلىك كېرەك. بولمىسا، بالىلارنىڭ ئىشتىھاسى ۋە تاماق مىقدارىغا تەسىر يېتىدۇ، ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشى بىلەن بالىنىڭ ئوزۇقلۇقى ناچارلىشىپ كېتىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە
بىر يېرىم ياشتىن ئىككى ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ يېمەك - ئىچمىكىدە قانداق ئالاھىدىلىك بار؟ | UyghurWiki | UyghurWiki