UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن كومپيۇتېرنىڭ يېڭىلىنىش دەۋرى ئالاھىدە تېز بولىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن كومپيۇتېرنىڭ يېڭىلىنىش دەۋرى ئالاھىدە تېز بولىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن كومپيۇتېر بىلەن پىششىق تونۇشلۇقى بولغان كىشىلەرگە مەلۇمكى، كومپيۇتېرنىڭ يېڭىلىنىش دەۋرى ئالاھىدە تېز بولۇۋاتىدۇ. بىر خىل يېڭى مەھسۇلات دۇنياغا كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، تېخىمۇ يېڭى، تېخىمۇ ياخشى مەھسۇلاتلار ئارقىدىنلا پەيدا بولۇۋاتىدۇ. ئەينى چاغدىكى ئەڭ ياخشى مەھسۇلاتلار، ئۇزۇن ئۆتمەيلا شاللىنىپ قېلىۋاتىدۇ. بۇ قانداق ئىش؟ تۇرمۇشتا، ئائىلىلەردە مەكتەپلەردە، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرىدا كۆپىنچە مىكرو كومپيۇتېر ئىشلىتىلىدۇ. مىكرو كومپيۇتېرنىڭ ئەڭ ئاساسىق قسىمى مىكرو مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچى بولۇپ، نۆۋەتتە، بىر - ئىككى يىل ئىچىدىلا يېڭى تېخنىكا قوللىنىلغان يېڭى تىپلىق مىكرو بىر تەرەپ قىلغۇچى دۇنياغا كېلىۋاتىدۇ. مەسىلەن، 1994 - يىلى، بازارلاردا ئاساسلىق سېتىلىۋاتقان مەھسۇلات 486 تىپلىق مىكرو بىر تەرەپ قىلغۇچلۇق كومپيۇتېر ئىدى. 1996 - يىلى PENTIUMⅠ تىپلىق مىكرو بىر تەرەپ قىلغۇچلۇق PENTUM 100 كومپيۇتېرى بازار تاپتى، 2001 - يىلى بازار تاپقان مەھسۇلاتلار PENTIUM Ⅲ ۋە PENTIUM Ⅳ تىپلىق كومپيۇتېر بولدى. يېڭى مەھسۇلات پەيدا بولغاندىن كېيىن، بىر نەچچە يىل ئاۋالقى كونا مەھسۇلاتلار ھەمىشە ئۈن - تىنسىز غايىب بولىدۇ. چۈنكى، كومپيۇتېر ئىشلەپ چىقارغۇچى زاۋۇت كونا تىپتىكى مىكرو بىر تەرەپ قىلغۇچىنى قايتا ئىشلەپ چىقارماي ئىشلەپچىقىرىشنى سۈپىتى تېخىمۇ ياىشى، سۈرئىتى تېخىمۇ تېز بولغان يېڭى تىپتىكى مىكرو بىر تەرەپ قىلغۇچ ئىشلەشكەقارىتىدۇ. كومپيۇتېرنىڭ باشقا قىسىملىرىنىڭ ئەھۋالىمۇ مۇشۇنداق بولىدۇ. شۇڭا، ئادەتتە ھەر ئىككى - ئۈچ يىلدىلا يېڭى بىر ئەۋلاد كومپيۇتېر دۇنياغا كېلىدۇ. كومپيۇتېرنىڭ يېڭىلىنىشى ئالاھىدە تېز بولغانلىقى ئۈچۈن ئېھتىياجلىق بولغاندا، ئاندىن كومپيۇتېر سېتىۋېلىش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە
نېمە ئۈچۈن كومپيۇتېرنىڭ يېڭىلىنىش دەۋرى ئالاھىدە تېز بولىدۇ؟ | UyghurWiki | UyghurWiki