نېمە ئۈچۈن تۆت ئايلىق بوۋاقلارغا تۆمۈر تولۇقلىنىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
تۆمۈر بەدەندىكى ھۈجەيرىلەرنىڭ ئېنېرگىيە مېتابولىزمىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. بەدەندىكى تۆمۈر ئېلېمېنتى ئاساسلىقى قىزىل قان ھۈجەيرىسىدىكى ھېموگلوبىننىڭ تۈزۈلۈشىگە قاتنىشىپ، بەدەندىكى تۆمۈر ئېلېمېنتى ئومۇمىي مىقدارىنىڭ تەخمىنەن 67% ىنى ئىگىلەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا تۆمۈر ئېلېمېنتى مىئوگلوبىن (مۇسكۇل قىزىل ئاقسىلى)، ھۈجەيرە پىگمېنتى C ۋە كۆپ خىل ئېنزىملارنىڭ تۈزۈلۈشىگە قاتنىشىدۇ. ھېموگلوبىن بىلەن ئوكسىگېن بىرىككەندىن كېيىن، ئوكسىگېن بەدەندىكى ھەربىر ھۈجەيرىگىچە يەتكۈزۈلۈپ، بەدەندىكى ئېنېرگىيە مېتابولىزمىنى تاماملايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە تۆمۈر بوۋاق بالىلارنىڭ مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىنىڭ يېتىلىشىدىمۇ مۇھىم رول ئوينايدۇ. نېرۋا ھۈجەيرىسىنىڭ ئۆسۈشى، يېتىلىشى، بۆلۈنۈشى قاتارلىق جەريانلىرى ئۇنىڭ قاتىنىشىشىغا موھتاج. بوۋاقنىڭ بەدىنىدە ساقلانغان تۆمۈر پەقەت ئۇنىڭ تۇغۇلۇپ تۆت ئايلىق بولغۇچە ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ، لېكىن پۈتۈن بوۋاقلىق مەزگىلىدە بوۋاقلارنىڭ ھەممىسى ئۆسۈپ يېتىلىشىنىڭ يۇقىرى پەللىسىدە تۇرغاچقا، قان سىغىمچانلىقى تېز ئېشىپ، ئېنېرگىيىگە بولغان تەلىپى يۇقىرىلايدۇ، تۆمۈر بولسا بەدەندىكى ئېنېرگىيىنىڭ توشۇلۇش جەريانىدا ئىنتايىن ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدۇ. شۇ سەۋەبتىن تۆمۈرگە نىسبەتەن بوۋاقنىڭ لازىملىق مىقدارى ئىنتايىن چوڭ بولىدۇ. ئەگەر تۆمۈرنىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارى يېتىشمىسە بوۋاق تۆمۈر كەملىك كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ. دائىم كۆرۈلىدىغان ئىپادىلىرى، تۆمۈر يېتىشمەسلىك خاراكتېرلىك قان ئازلىق، ئۆسۈپ يېتىلىشى توختاپ قېلىش، ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ تەرەققىياتى ئاستا بولۇش ۋە قارشى تۇرۇش كۈچى ئاجىزلاش قاتارلىقلار.