ئانا - بالا بىر كارىۋاتتا يېتىشنىڭ دادابىلەن مۇناسىۋىتى بارمۇ؟
نېمە ئۈچۈن
ئانا سۈتى بىلەن بالا بېقىشنى دادا بىلەن مۇناسىۋەتسىز دەپ قارىماسلىق كېرەك، بىز ئالدىنقى بابتا سۆزلەپ ئۆتكەندىكىدەك دادىمۇ بالىنى ياخشى كۆرىدۇ ۋە بالىغا ناھايىتى كۆپ ئەجىر سىڭدۈرىدۇ. ئانا - بالا بىر يەردە ئۇخلىغاندا، دادىمۇ ئانىنىڭ يېنىدا يېتىپ، ئانىنىڭ كېچىدە بالا ئېمىتىشىگە ياردەم بېرىپلا قالماي، يەنە دادا بولۇشنىڭ تەمىنى تېتىپ بېقىشى كېرەك. دادىلار كۈندۈزى خىزمەت سەۋەبىدىن بالىلىرى بىلەن بىللە بولغان گۈزەل ۋاقىتلارنى كېچىسى بايقايدۇ، بالىمۇ بۇ مۇھەببەت ۋە كۆيۈنۈشكە تولغان مۇھىت ئىچىدە دادا ۋە ئانىنىڭ ئىشەنچ تۇيغۇسىدا ئۆسۈپ يېتىلىدۇ.