UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبالىلارنىڭ جىسىمنىڭ شەكلىگە بولغان پەرق ئېتىش ئىقتىدارىنى قانداق كۈچەيتىش كېرەك؟

بالىلارنىڭ جىسىمنىڭ شەكلىگە بولغان پەرق ئېتىش ئىقتىدارىنى قانداق كۈچەيتىش كېرەك؟

نېمە ئۈچۈن تەخمىنەن ئۈچ ياشقا كىرگەندە، بالىلار يۇمىلاق، چاسا ۋە ئۈچ بۈرجەك قاتارلىق ئاددىي شەكىللەرنى تونۇيالايدۇ. ئوخشاش بولمىغان گېئومېتىرىيىلىك شەكىللەرنى پەرقلەندۈرۈش ئوڭايلىقتىن قىيىنلىققا قاراپ يۈزلىنىدۇ. ئۇنىڭ تەرتىپى: يۇمىلاق شەكىللىك، كۋادرات شەكىللىك، يېرىم شار شەكىللىك، تىك تۆت تەرەپلىك، ئۈچبۇلۇڭ، كۆپ تەرەپلىك قاتارلىقلار. بالىلار كۈندە ئىستېمال قىلىدىغان پىرەنىك تورت ياكى بولكا قاتارلىقلارنى بىرلەشتۈرۈپ، بالىغا خىلمۇخىل شەكىلنىڭ نامىنى ئېيتىپ بەرسە بولىدۇ. يەنە بىر قانچە پارچە چوڭراق تورت سېتىۋېلىپ، ئۇنى بىر قانچە خىل ئوخشىمىغان شەكىللەردە بىر تەرەپتىن كېسىپ، بىر تەرەپتىن بۇ يۇمىلاق شەكىل، بۇ تۆت تەرەپلىك دەپ ئېيتسا بولىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن بالىغا سىز تەلەپ قىلغان تۈرىنى تاپقۇزۇپ، بالىنىڭ توغرا تاپقان - تاپمىغانلىقىغا قاراڭ. بالىلار ئويۇنچۇقى بولغان كۇبىكمۇ بالىلارنىڭ شەيئىلەرنىڭ شەكىلنى پەرق ئېتىش قابىلىيىتىنى مەشىق قىلدۇرۇشتىكى ياخشى ئويۇنچۇق. ئۈچ ياشقا كىرىشتىن ئىلگىرى، ئاتا - ئانىلار خىلمۇخىل شەكىلدىكى كۇبىكتىن پايدىلىنىپ، بالىلارغا مەقسەتلىك ھالدا شەكىللەرنى پەرقلەندۈرۈشنى ئۆگىتىشى كېرەك. بىز كۈندىلىك تۇرمۇشتا دائىم كۆرىدىغان شەيىئلەر ئەمەلىيەتتە ئوخشاش بولمىغان شەكىلگە ئىگە. مەسىلەن: قۇياش يۇمىلاق بولىدۇ. ئىشىك تىك تۆت تەرەپلىك شەكىلدە بولىدۇ. چىش كولىغۇچ ياكى كىچىك ياغاچ قاتارلىقلارنى بىرلەشتۈرۈپ خىلمۇخىل شەكىل چىقىرىپ، بالىغا پەرقىنى تاپقۇزسا ۋە ياكى بالىغا مەلۇم بىر شەكىلنى ياساتقۇزسىمۇ بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە