نېمە ئۈچۈن تىزگىنەك ئائىلە ئېلېكتر سايمانلىرىنى يىراقتىن تىزگىنلىيەلەيدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
ئادەتتە ئېلېكتر سايمانلىرىدا ئىنفرا قىزىل نۇردىن پايدىلىنىپ ۋىكليۇچاتېلنى تىزگىنلىگىلى بولىدۇ، ئىنفرا قىزىل نۇر كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان ئېلېكترو ماگنىت دولقۇنى بولۇپ، ئۇنىڭ دولقۇن ئۇزۇنلۇقى كۆرگىلى بولىدىغان نۇرنىڭكىدىن ئۇزۇن، قولىمىزدىكى تىزگىنەك ئىنفرا قىزىل نۇرلۇق تارقاتقۇچ ئاساسلىقى تەڭشىگۈچ ۋە ئىنفرا قىزىل نۇرلۇق تارقىتىش نەيچىسىدىن ئىبارت ئىككى قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىنفرا قىزىل نۇرلۇق تارقىتىش نەيچىسى بەلگىلىك دولقۇن ئۇزۇنلۇقىدىكى ئىنفرا قىزىل نۇرنى تارقىتىدۇ، تەڭشىگۈچ ۋىكليۇچاتېلنى تىزگىنلەش سىگنالىنى ئىنفرا قىزىل نۇرغا يۈكلەيدۇ. شۇڭا، ئائىلە ئېلېكتر سايمانلىرىنىڭ تىزگىنىكىدىن تارقىتىلغان ئىنفرا قىزىل نۇر تىزگىنلەش سىگنالىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئائىلە ئېلېكتر سايمانلىرىنىڭ يۈزىگە ئىنفرا قىزىل نۇر قوبۇللىغۇچ ئورنىتىلغان، ئۈستىدە ئىنفرا قىزىل نۇر قوبۇل قىلىش نەيچىسى، كاشىلىغا تاقابىل تۇرۇش توك يولى، تەڭشىگۈچ ۋە ۋىكليۇچاتېلنى تىزگىنلىگۈچ بار. كاشىلىغا تاقابىل تۇرۇش توك يولى ئەتراپ مۇھىتتىكى ئىنفرا قىزىل نۇر كاشىلا قىلغان سىگنالنى يوقىتىدۇ، قوبۇل قىلىش نەيچىسى تىزگىنەك تارقاتقان تىزگىنلەش سىگنالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىنفرا قىزىل نۇرنى قوبۇل قىلىدۇ، تەڭشىگۈچ ئىنفرا قىزىل نۇرغا يۈكلەنگەن تىزگىنلەش سىگنالىنى چۈشۈرۈپ، ۋىكليۇچاتېل تىزگىنلىگۈچكە يوللاپ، ۋىكليۇچاتېلنى ئۇلايدۇ ياكى ئۈزۈۋېتىدۇ. پۈتكۈل جەريانىدا، ھەقىقىي تىزگىنلەش سىگنالى بولۇپ، ئىنفرا قىزىل نۇرنىڭ رولى تىزگىنلەش سىگنالىنى <توشۇش> تىن ئىبارەت.
ئىنفرا قىزىل نۇردىن باشقا، ئالىملار يەنە ئاۋاز دولقۇنى، ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى، رادىئو دولقۇنلىرى قاتارلىق ئېلېكترو ماگنىت دولقۇنى تىزگىنلەش سىگنالىغا يۈكلەنگەن ئائىلە ئېلېكتر سايمانلىرى تىزگىنىكىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى.