UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبالىلار نېمىشقا بىر تەرەپتىن رەسىم سىزىپ، بىر تەرەپتىن گەپ قىلىدۇ؟

بالىلار نېمىشقا بىر تەرەپتىن رەسىم سىزىپ، بىر تەرەپتىن گەپ قىلىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن ئاتا - ئانىلار بەلكىم بالىلارنىڭ زوق - شوخ بىلەن رەسىم سىزغاندا ئېغىزىدا دائىم ئادەم چۈشەنگىلى بولمايدىغان بىر نەرسىلەرنى دېگەچ رەسىم سىزىۋاتقانلىقىنى، گاھىدا قولىنى كۆتۈرۈپ ئۇسسۇل ئويناپ كېتىدىغانلىقىنى بايقىغان بولۇشى مۇمكىن. بالىلاردا بۇ خىل ھالەتنىڭ بولۇشى ئۇنىڭ بېرىلىپ رەسىم سىزىۋاتقانلىقىنى، كىچىككىنە كاللىسىدا پەقەت ئۆزىلا بىلىدىغان بالىلارچە تەپەككۇر، تەسەۋۋۇرنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. تەپەككۇر جەھەتتە روھلىنىپ، مەلۇم بىر باسقۇچقا كەلگەندە، تىل ئارقىلىق ئىپادىلەپ چىقىدۇ. شۇنىڭ بىلەن كۆپچىلىك چۈشىنەلمەيدىغان سۆزلەرنى قىلىشقا باشلايدۇ، بالىلارنىڭ بۇ خىل تەپەككۇر پائالىيىتى ۋە تىل ئىپادىلەش شەكلى بىرلا ۋاقىتتا بالىلارنىڭ ئوڭ، سول مېڭىسىنىڭ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. شۇڭا، بالىلارغا رەسىم سىزىشنى ئۆگىتىشتىكى مەقسەت يالغۇز رەسىم سىزدۇرۇش بولۇپلا قالماي، يەنە بالىنىڭ تىل جەھەتتىكى يېتىلىشىدە بەلگىلىك دەرىجىدە رول ئويناش مەقسىتىگە يېتىشتىن ئىبارەت. بالىلار رەسىم سىزىشنى ئۆگەنگەندە، ئاتا - ئانىلار ئاكتىپلىق بىلەن بۇ خىل پائالىيەتكە قاتنىشىپ، تىل ئارقىلىق بالىنى ئىلھاملاندۇرۇپ، خۇشاللىق ھالدا بالا بىلەن رەسىمنىڭ مەزمۇنىنى تەھلىل قىلىش كېرەك. بۇ بالىلارنىڭ تىل جەھەتتىكى ئىپادىلەش ئىقتىدارى، ئوقۇش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشكە ناھايىتى پايدىلىق.
← بارلىق تېمىلار نەمە
بالىلار نېمىشقا بىر تەرەپتىن رەسىم سىزىپ، بىر تەرەپتىن گەپ قىلىدۇ؟ | UyghurWiki | UyghurWiki