سۈت كۆپ يېنىپ كەتسە ياكى قۇسۇۋەتسەقانداق قىلىش كېرەك؟
نېمە ئۈچۈن
سۈتنىڭ يېنىپ كېتىشى — بالا ئېمىپ بولۇپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا بىر قىسىم سۈت ياكى يېمەكلىكلەرنىڭ ئاشقازاندىن ئېغىز بوشلۇقىغا قايتىش ھادىسىسى بولۇپ، كۆپىنچە ھاللاردا بىر - ئىككى يۇتۇم ئەتراپىدا يېنىپ كېتىدۇ. ئاشقازاندىكى كۆپ قىسىم نەرسىلەرنى ياندۇرۇۋەتكەندىكى قوسۇشقا ئوخشىمايدۇ. بۇ خىل ھادىسە كۆپىنچە ھاللاردا ئالتە ئاي ئىچىدىكى بوۋاقلاردا كۆرۈلىدۇ، كۆپىنچىسى ئېمىۋاتقاندا ھاۋانى كۆپ سۈمۈرگەنلىكى ئۈچۈن پەيدا بولىدۇ. بۇ خىل ھادىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، بالا يىغلىغان ياكى ھەرىكەت قىلغاندىن كېيىنلا ئېمىتمەسلىك. ئۇنى بىر ئاز تىنجىتقاندىن كېيىن ئاندىن ئېمىتىش، ئېمىتىپ بولغاندىن كېيىن بالىنى تىك قۇچاقلاپ مۈرىگە يۆلەندۈرۈپ، دۈمبىسىنى يېنىك شاپىلاقلاش كېرەك. بالا زىيادە ئېمىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈنمۇ قۇسۇۋەتكەن بولۇشى مۇمكىن، بۇ ۋاقىتتا بالىنى ئارام ئالدۇرۇپ، تاماق بېرىشنى 4 ~ 6 سائەت ئەتراپىدا توختاتسا بولىدۇ. ئاندىن ئاز - ئازدىن كۆپ قېتىم قايناق سۇ بېرىش كېرەك، ئەگەر بالا قۇسۇۋەتمىسە، ئاستا - ئاستا ئېمىتسە ۋە نورمال ئەمگۈچە داۋاملاشتۇرسا بولىدۇ، بەزىدە خىلمۇخىل كېسەلگە گىرىپتار بولۇشى سەۋەبىدىنمۇ ياندۇرىدۇ. شۇڭا، بالىنىڭ قۇسۇۋېتىشى بىر قەدەر ئېغىر بولسا دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپىرىش كېرەك