مېڭە تۇبېركۇلوز پەردە ياللۇغى كېسىلىنىڭ ئالدىنى قانداق ئېلىش كېرەك؟
نېمە ئۈچۈن
بۇ خىل كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاشتا ئاكتىپلىق بىلەن ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ئېلىپ بېرىش كېرەك، بالدۇر دىئاگنوز قويغۇزۇش ۋە بالدۇر داۋالاش ئېلىپ بېرىش كېرەك.
1. ئاكتىپلىق بىلەن ئالدىنى ئېلىش. نۆۋەتتە، سەھىيە تارماقلىرى كالمېت - گۋېرىن ۋاكسىنىسىنى ئەملەش ئارقىلىق پلانلىق ئاساسىدا ئىممۇنىتېتلاشنى يولغا قويدى ھەم كالمېت - گۋېرىن ۋاكسىنىسىنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، بۇ خىل كېسەلنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتىمۇ بارغانسېرى تۆۋەنلىدى شۇنداقلا تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە، كالمىت - گۋېرىن ۋاكسىنىسىنى ئەملەش ئارقىلىق مېڭە تۇبېركۇلوز كېسىلى، لىمفا تۇبېركۇلوز كېسىلى، ئۈچەي تۇبېركۇلوز كېسىلى قاتارلىقلارنىڭ تەرەققىي قىلىپ كېتىش پۇرسىتىنى تۆۋەنلىتىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ خىل كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا يەنە يۇقۇملىنىش مەنبەسىنى كونترول قىلىپ، يۇقۇملىنىش پۇرسىتىنى ئازلىتىش كېرەك. بۇمۇ بالىلاردىكى مېڭە تۇبېركۇلوز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى كونكرېت تەدبىر.
2. بالدۇر دىئاگنوز قويدۇرۇش، بالىلاردا بوشراق قىزىش، كېچىدە ئۇخلاۋاتقاندا تەرلەش، ئىشتىھاسى تۆۋەنلەش، بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەنلەش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە ياكى كەيپىياتىدا ئۆزگىرىش بولسا، دەرھال تەشەببۇسكارلىق بىلەن دوختۇرخانىغا ئاپىرىش كېرەك.
3. بالدۇر داۋالاش. تۇبېركۇلوزغا قارشى تۇرغۇچى دورىلار ئارقىلىق كېسەلنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئۆزگىرىشىگە قاراپ داۋالاش ئېلىپ بېرىش، كېسەللىكنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدە ئىشلەتمەسلىك، شۇنداقلا تۇبېركۇلوز كېسىلى ياكى مېڭە تۇبېركۇلوز پەردە ياللۇغىغا توغرا دىئاگنوز قويدۇرۇپ، ئىمكانقەدەر بالدۇرراق، ئۈزۈل - كېسىل داۋالاش كېرەك.