نېمە ئۈچۈن مۇھىت تازىلىقى تارماقلىرى تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى تۈرگە ئايرىپ يىغىۋالىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
بەزى ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونلىرىغا ئۈچ ئەخلەت تۇڭى قويۇلىدۇ، ئۇلارغا ئايرىم - ئايرىم قىزىل، سېرىق ۋە يېشىل <كىيىم كىيدۈرۈپ قويۇلىدۇ>. بۇ مۇھىت تازىلىقى تارماقلىرى ئەخلەتلەرنى تۈگە ئايرىپ يىغىۋېلىش ئۈچۈن قويغان مەخسۇس تۇڭ.
كۈندىلىك تۇرمۇشتا ھەر كۈنى نۇرغۇن ئەخلەتلەرنى جۈملىدىن كېرەكسىز باتارېيە، قۇرۇق پىۋا بوتۇلكىسى، كونا گېزىت، مېۋە شۆپۈكلىرى شۇنىڭدەك ئاشقان تاماق قاتارلىقلارنى تاشلىۋېتىمىز. بۇ ئەخلەتلەرنى ھېچقانداق پايدىلىنىش قىممىتى يوق دېگىلى بولمايدۇ، بۇنىڭ ئىچىدىكى نۇرغۇن ئەخلەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىپ، كېرەكلىك نەرسىگە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ. قۇرۇق پىۋا بوتۇلكىلىرىنى پاكىز يۇيۇپ دېزىنفېكسىيە قىلغاندىن كېيىن، قايتا ئىشلەتكىلى بولىدۇ. كونا گېزىت، كېرەكسىز سۇلياۋ، ئەينەك پارچىلىرىنى قايتا پىششىقلىغاندىن كېيىن يەنە ئىشلەتكىلى بولىدۇ، مەسىلەن، بىر توننا كېرەكسىز قەغەزدىن 800 كىلوگرام قەغەز ئىشلەپ چىقارغىلى بولىدۇ، بۇ 30 يىللىق 20 تۈپ دەرەخنى ئاز كەسكەنگە باراۋەر؛ بىر توننا كېرەكسىز ئەينەكنى يىغىۋالغاندىن كېيىن، ئۇنىڭدىن ئۆلچەملىك ۋاسكېتبول مەيدانىچىلىك چوڭلۇقتا بىر پارچە ئەينەك ياكى 2 مىليون دانە 500 گراملىق ئەينەك بوتۇلكا ئىشلەپ چىقارغىلى بولىدۇ. مېۋە شۆپۈكى ۋە ئاشقان تاماقتىن ئوغۇت، يەم - خەشەك تەييارلاشقا ۋە توك چىقىرىشقا بولىدۇ. لېكىن، بۇ ئەخلەتلەر ئارىلاشتۇرۇۋېتىلسە، بولۇپمۇ كېرەكسىز باتارېيە، كېرەكسىز لامپا، ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن دورا قاتارلىق زەھەرلىك، زىيانلىق ئەخلەتلەر بىلەن ئارىلاشتۇرۇۋېتىلسە، ئۇلار مۇھىتنى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغايدىغان كېرەكسىز نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ.
شۇڭا، ئەخلەت تۆكمەكچى بولغىنىڭىزدا ئەخلەتنى ئۈچ ئەخلەت خالتىسىغا ئايرىپ قاچىلاشنى ئۇنتۇماڭ؛ زەھەرلىك، زىيانلىق ئەخلەتلەرنى قىزىل ئەخلەت تۇڭىغا تاشلاڭ، يىغىۋېلىپ پايدىلانغىلى بولىدىغان كونا گېزىت قاتارلىق ئەخلەتلەرنى سېرىق ئەخلەت تۇڭىغا تاشلاڭ؛ ئۇنىۋېرسال پايدىلانغىلى بولىدىغان مېۋە شۆپۈكى ۋە ئاشقان تاماق قاتارلىق ئەخلەتلەرنى يېشىل ئەخلەت تۇڭىغا تاشلاڭ.