UyghurWiki›نەمە›نېمە ئۈچۈن بەزى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يۇمران بىخلىرى ۋە يېڭى چىققان يوپۇرماقلىرى قىزىل بولىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن بەزى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يۇمران بىخلىرى ۋە يېڭى چىققان يوپۇرماقلىرى قىزىل بولىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
ئەتىياز كەلگەندە ھاۋا ئىللىپ، نۇرغۇن ئۆسۈملۈكلەر بىخلىنىپ، بارا - بارا يۇمران بىخ ۋە يوپۇرماق چىقىرىشقا باشلايدۇ. ئەگەر ئىنچىكىلەپ كۆزەتسەك، بەزى يۇمران بىخلار ۋە يېڭى يوپۇرماقلارنىڭ ئازدۇر - كۆپتۇر قىزىل رەڭگە كىرگەنلىكىنى كۆرىمىز. ئۆسۈملۈكلەر يېشىل بولىدىغان تۇرسا، يەنە نېمە ئۈچۈن بۇ يۇمران بىخ ۋە يېڭى يوپۇرماقلار قىزىرىۋالىدۇ؟
بۇ ئاساسەن يۇمران بىخ ۋە يېڭى يوپۇرماقلارنىڭ خلوروفىل ئىشلەش سۈرئىتىنىڭ ئاستىراق بولۇپ قالغانلىقىدىندۇر. ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يۇمران بىخى ۋە يېڭى يوپۇرماقلىرى ئىچىدىكى خلوروفىللار شاخلارنىڭ بىخ سۈرۈشى بىلەن تەڭلا پەيدا بولمايدۇ، خلوروفىللارنىڭ شەكىللىنىشى كۆپ ھاللاردا شاخلاش ۋە بىخلىنىشتىن كېيىنرەك بولىدۇ. چۈنكى خلوروفىل مۇرەككەپ شارائىتتا نۇرغۇن ئېلېمېنتلاردىن ئاستا - ئاستا شەكىللىنىدۇ. يۇمران بىخ ۋە يېڭى يۇپۇرماقلار ئەمدىلا چىقىشقا باشلىغاندا، ئۇلار ۋاقتىنچە بىخ ئىچىدە ئەسلىدە ساقلانغان ئوزۇقلۇققا تايىنىپلا ھاياتلىقنى ساقلايدۇ، لېكىن بۇ ۋاقىتتا بىخ تېنىدا قىزىل رەڭدىكى خېلى كۆپ سىئانىدىن بولغانلىقى ئۈچۈن، يۇمران بىخ ۋە يېڭى يوپۇرماقلار بىر ئاز قىزغۇچ كۆرۈنىدۇ. مەلۇم باسقۇچقا يەتكەندىن كېيىن خلوروفىل پەيدا بولۇپ، ئۇلار ئۆزلىرى ئوزۇقلۇق ئىشلەشكە باشلايدۇ، بۇ ۋاقىتتا يۇمران بىخ ۋە يېڭى يوپۇرماقلارمۇ بارا - بارا قىزىلدىن يېشىلغا ئۆزگىرىدۇ.
ئەلۋەتتە يۇمران بىخلار ۋە يېڭى يوپۇرماقلارنىمۇ پەقەت قىزىل رەڭلىكلا بولماستىن، يەنە سۆسۈن رەڭلىك، كۆك رەڭلىك ۋە سېرىق رەڭلىك بولىدۇ؛ بۇ ئاساسەن ئۇلارنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى تەركىبىدىكى بوياق ماددىسىنىڭ ئاز - كۆپلۈكىگە باغلىق بولىدۇ.