UyghurWiki
UyghurWikiنەمەيېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ كاسىسى قىزىرىپ قېلىشنىڭ قانداق ئالدىنى ئېلىشكېرەك؟

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ كاسىسى قىزىرىپ قېلىشنىڭ قانداق ئالدىنى ئېلىشكېرەك؟

نېمە ئۈچۈن كاسا قىزىرىپ قېلىش تېبابەتتە زاكا ئەسۋەيى دېيىلىدۇ، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان تېرە كېسەللىكى. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ تېرىسى يۇمشاق، مۈڭگۈز قەۋىتى تولۇق يېتىلمىگەن، شۇڭا سىرتنىڭ تەسىرىگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى تۆۋەن، ئەگەر زاكىنى ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇپ كاسىسىنى يۇيۇپ تۇرمىغاندا ياكى زاكىسى پاكىز بولمىغان ئەھۋاللارنىڭ ھەممىسى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ كاسا تېرىسىنى غىدىقلاپ، تېرىسى قىزىرىشنى پەيدا قىلىپ، ئەسۋەنى شەكىللەندۈرىدۇ ھەتتا تېرە تۆكۈلۈش ياكى شەلۋەرەشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ كاسىسى قىزىرىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ ياخشى — ئۇسۇل زاكىنى ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇپ، بوۋاقنىڭ كاسسىسىنىڭ پاكىزلىقىنى ساقلاش. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارغا زاكا تاللاشتا يۇمشاق، سىلىق ھەم سۇ سۈمۈرۈشچانلىقى كۈچلۈك پاختا رەخت ياكى پاختا توقۇلما بۇيۇملىرىنى تاللاش، ھەر قېتىم ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن پاكىز يۇيۇش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى ياكى دېزىنفېكسىيە دورىلىرىنىڭ قالدۇقى قېپقالماسلىققا ئالاھىدە دىققەت قىلىش، شۇنداقلا شامال ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان ئورۇندا كۈن نۇرىغا قاقلاپ شامالدىتىپ قۇرۇتۇش كېرەك. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ھەر قېتىملىق چوڭ - كىچىك تەرىتىدىن كېيىن ئىلمان قايناق سۇدا كاسىسىنى يۇيۇپ، مىكروپسىز كىچىك لۆڭگىدە سۈرتۈش ھەمدە پاختا پىلتىكۈچنى دېزىنفېكسىيىلىك ئۆسۈملۈك مېيىدا نەمدەپ يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ كاسىسىغا ھەمدە چاترىقىغا سۈرۈپ قويۇش، تېرىسىنىڭ سۈيدۈك ياكى باشقا مەينەت نەرسىلەر بىلەن بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ كاسىسى قىزىرىپ قېلىشنىڭ قانداق ئالدىنى ئېلىشكېرەك؟ | UyghurWiki | UyghurWiki