UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن كىنو ئىشلىگەندە قۇرۇق مۇز ئائېروزول قىلىنىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن كىنو ئىشلىگەندە قۇرۇق مۇز ئائېروزول قىلىنىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن كىنو ئىشلىگەندە، ئەگەر تۈتەك قاپلىغان مەنزىرە لازىم بولسا چوقۇم قۇرۇق مۇزنىڭ ياردىمى بولمىسا بولمايدۇ. قۇرۇق مۇز ئادەتتىكى مۇز ئەمەس. بەلكى كاربون (Ⅳ) - ئوكسىدىدىن ئۇيۇغان مۇز. كاربون (Ⅳ) - ئوكسىدى گازىنى تەخمىنەن 60 ئۆلچەملىك ھاۋا بېسىمىغا چىقارغان ھەمدە نۆلدىن تۆۋەن 56 سېلسىيە گرادۇستا سوۋۇتقاندا خۇددى قىشتىكى قاردەك ئاپئاق قاتتىق جىسىم بولۇپ توڭلايدۇ، مانا بۇر قۇرۇق مۇز. بىراق قۇرۇق مۇزنى ھەرگىز بىۋاستە قولىڭىز بىلەن تۇتۇتماڭ، ئۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى ناھايىتى تۆۋەن بولۇپ، بارماقلارنى ئاسان ئۈششۈتۈپ قويىدۇ. قۇرۇق مۇزنىڭ ئىنتايىن مۇھىم بىر ئالاھىدىلىكى <قۇرۇق> بولىدۇ. ناۋادا ئۇنى نورمال تېمپېراتۇرىدا قويسىڭىز ناھايىتى تېزلا كاربون (Ⅳ) - ئوكسىدى گازىغا ئايلىنىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ سۇيۇق ھالەت باسقۇچى بولمايدۇ. ئادەتتىكى مۇزغا ئىسسىق ئۆتكەندىن كېيىن ئاۋۋال ئېرىپ سۇغا ئۆزگىرىدۇ، ئاندىن پارغا ئايلىنىدۇ. ماددىنىڭ قاتتىق ھالەتتىن بىۋاستە گاز ھالىتىگە ئۆزگىرىش جەريانى سۇبلكىماتسىيە دېيىلىدۇ. قۇرۇق مۇزنىڭ تېمپېراتۇرىسى ناھايىتى تۆۋەن بولغاچقا، ئۇنى ئۆيگە قويۇپ قويغاندا ناھايىتى تېز سۇبلىماتسىيە بولۇپ، ئەتراپىدىكى ھاۋا تېمپېراتۇرسىنى تېز تۆۋەنلىتىدۇ، ھاۋادىكى پار تۇمانغا ئايلىنىدۇ. كىنولاردىكى تۇمان قاپلىغان كۆرۈنۈش مۇشۇنداق شەكىللەنگەن. تۇرمۇشتا قۇرۇق مۇزنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنى ناھايىتى كۆپ. ئۇنىڭ بىلەن يېمەكلىكلەرنى سوغۇق ساقلىغىلى بولىدۇ، ئۇ سۇبلىماتسىيە بولغاندا شەكىللەنگەن كاربون (Ⅳ) - ئوكسىدى گازى بىلەن مىكرو جانلىقلارنىڭ ئۆسۈشىنى توسۇپ، يېمەكلىكلەرنى يېڭى پېتى ساقلاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. لازىم تېپىلغاندا ئايروپىلاندىن بۇلۇتلارغا قۇرۇق مۇز چاچسا يەنە سۈنئىي يامغۇر ياغدۇرغىلى بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە