UyghurWiki
UyghurWikiنەمەھامىلە ھەرىكىتىنى ساناپ، ھامىلىنىڭ بىخەتەرلىكىگەدىققەت قىلىش كېرەكمۇ - يوق؟

ھامىلە ھەرىكىتىنى ساناپ، ھامىلىنىڭ بىخەتەرلىكىگەدىققەت قىلىش كېرەكمۇ - يوق؟

نېمە ئۈچۈن بولغۇسى ئانىلار ھامىلىدار بولۇپ 28 ھەپتىدىن كېيىن، ھەر كۈنى ھامىلىنىڭ ھەرىكىتىنى ساناپ تۇرۇشنى باشلىسا ئەڭ مۇۋاپىق. بولغۇسى ئانا ئەتىگەنلىك تاماق ياكى كەچلىك تاماقتىن كېيىنكى بىر - ئىككى سائەت ئەتراپىدا ھامىلىنىڭ تەۋرەش قېتىم سانىنى ساناشقا باشلىسا بولىدۇ، ئۇدا تەۋرىگەننى بىر قېتىم، ئارىلىقتا توختاپ يەنە بىر قېتىم تەۋرىگەننى ئىككى قېتىم دەپ ھېسابلىسا بولىدۇ. چۈنكى تاماقتىن كېيىن ھامىلىنىڭ تەۋرىنىشى نىسبەتەن ئېنىق بولىدۇ، شۇڭا ھامىلىنىڭ تەۋرەش سانىنى بىلىۋېلىشمۇ نىسبەتەن ئوڭاي بولىدۇ. ئادەتتە ئىككى سائەت ئىچىدە ھامىلىنىڭ 10 قېتىم تەۋرىگەنلىكىنى ناھايىتى ئوڭايلا بىلىۋالغىلى بولىدۇ. ئىككى سائەت ئىچىدىكى تەۋرەش قېتىم سانى 10 غا يەتمىسە، مەسىلە بار دەپ گۇمان قىلىپ، داۋاملىق ساناشنى داۋاملاشتۇرۇش. ئەگەر داۋاملىق ساناپ ئالتە سائەت بولغاندىمۇ، ھامىلىنىڭ ئىككى سائەت ئىچىدىكى قېتىم سانى 10 غا يەتمىسە، چوقۇم دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرۈش كېرەك. ھامىلىنىڭ تەۋرىشىنى سانىغاندا 80%~90% نورمالسىزلىقنى تەكشۈرگىلى بولۇپ، خېلىلا پايدىلىق. 34 ھەپتىدىن كېيىن، ساناش ئۇسۇلىنى يەنە ئۆزگەرتىش، ھەر كۈنى تاماقتىن كېيىن ياكى ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ بىر سائەت كۆزىتىپ، ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ تۆت قېتىم تەۋرىسە ئاندىن مۇۋاپىق بولىدۇ. يەنە بىر ئىشقا دىققەت قىلىش، ئادەتتە ھامىلىنىڭ مىدىرلىماي تىنچ تۇرغان ۋاقتى، ئەڭ ئۇزۇن بولغاندىمۇ 75 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. شۇڭا، ئەگەر ھامىلىنىڭ مىدىرلىماي تىنچ تۇرغان ۋاقتى بىر يېرىم سائەتتىن ئارتۇق بولسا ئازراق پېچىنە يەپ، قورساقنى سىيلاش. ھەتتا قورساقنى شاپىلاقلاش ياكى بىر تىڭشىغۇچ ئېلىپ، قورساقتىكى بالىغا مۇزىكا ئاڭلىتىش. ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئۇسۇللارنىڭ ھېچقايسىسىدا ئىنكاس بولمىسا، دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە