UyghurWiki
UyghurWikiنەمەزېئوس قالقىنى< سىستېمىسى دېگەن نېمە؟

زېئوس قالقىنى< سىستېمىسى دېگەن نېمە؟

نېمە ئۈچۈن <زېئۇس قالقىنى> سىستېمىسى دېگەننى ئاڭلاپ باققانمېدىڭىز؟ زېئۇس بولسا يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى سېھرىي كۈچى چەكسىز باش ئىلاھ، <زېئۇس قالقىنى> سىستېمىسى بولسا نۆۋەتتە دېڭىز ئارمىيە قوراللىرى ئىچىدىكى پاراخوتقا ئورنىتىلغان بىر خىل ئەڭ ئىلغار باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد مۇداپىئە سىستېمىسى. پاراخوتلار دېڭىزدا جەڭ قىلغاندا، ھاۋا بوشلۇقى، سۇ ئۈستى ۋە سۇ ئاستىدىن تەھدىتكە ئۇچرايدۇ. شۇڭا، مۇداپىئە كۆرۈشنىڭ مۇھىملىقى پەۋقۇلئاددە تەكىتلىنىدۇ. <زېئۇس قالقىنى> سىستېمىسى كۈچلۈك تەكشۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە شۇنداقلا ئىلغار باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد سىستېمىسىغا تېزلىكتە قوماندانلىق قىلىش، بۇ سىستمىنى تىزگىنلەش ھەم ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق مۇكەممەل مۇداپىئە كۆرەلەيدۇ. <زېئۇس قالقىنى> سىستېمىسى ئالدى بىلەن كۆپ ئىقتىدارلىق سەپلىرىنى ئۆز ئارا كونترول قىلىدىغان رادار ئارقىلىق نىشاننى تەكشۈرىدۇ. بۇ خىل رادارغا 10 مىڭدىن ئارتۇق رادىئاتسىيە ئاپپاراتى سەپلەنگەن بولۇپ، بۇلار پۈتكۈل بوشلۇقنى يېرىم شار شەكلىدە ئومۇميۈزلۈك تەسۋىر يېيىپ تەكشۈرىدىغان نەچچە ئون گۇرۇپپىغا ئايرىلغان، نىشان بايقالسىلا دەرھال تېخىمۇ كۆپ رادىئاتسىيە دولقۇنىنى يىغىپ پەرقلەندۈرىدۇ ۋە ئەگىشىدۇ، بۇ جەريانغا نەچچە ئون سېكۇنتلا كېتىدۇ. سەپلىرىنى ئۆز ئارا كونترول قىلىدىغان رادار ئوخشاشىمىغان يۆنىلىشتىكى 300 دىن ئارتۇق نىشانغا تەڭلا تاقابىل تۇرالايدۇ ھەمدە قوماندانلىق قىلىش ۋە تەدبىر كۆرۈش سىستېمىسى ئارقىلىق نىشاننىڭ يېقىن - يىراقلىقى، تىپى، خەۋپى قاتارلىقلارغا ھۆكۈم قىلىپ، توسقۇچى قوراللارنى بىرلا ۋاقىتتا تەقسىملەپ ئورۇنلاشتۇرىدۇ. پۈتكۈل سىستېمىسىدا يۇقىرى سۈرئەتلىك كومپېيۇتېر ۋە نازۇك پروگراممىلىق تىزگىنلەش ئۈسكۈنىلىرى قوللىنىلغان بولۇپ، تېز ھەم توغرا مەشغۇلات قىلىدۇ، بارلىق ئۇچۇرلار كۆزنى يۇمۇپ - ئاچقۇچە باشقۇرۇلىدىغان سنارەد قويۇپ بېرىش سىستېمىسىغا يوللاپ بېرىلىدۇ. <زېئۇس قالقىنى> سىستېمىسىنىڭ قوماندانلىقىدىكى توسقۇچى قوراللار مەزكۇر پاراخوتقا قاچىلانغان باشقۇرۇلىدىغان سنارەد بولسىمۇ بولىدۇ، شۇنداقلا كومپيوتېر تورى ئارقىلىق باشقا پاراخوت ۋە ئايروپىلانلاردىكى قوراللارغا قوماندانلىق قىلىپ، قايتۇرما زەربە بېرىپ ۋە مۇداپىئە كۆرۈپ، ئوخشاشمايدىغان تەرەپلەردىكى كۆپ نىشاننى توسۇۋالالايدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە