UyghurWiki
UyghurWikiنەمەتاغتېشەر چۈمۈلىنى قاندق تۇتۇپ يەيدۇ؟

تاغتېشەر چۈمۈلىنى قاندق تۇتۇپ يەيدۇ؟

نېمە ئۈچۈن تاغتېشەرنىڭ پۈتۈن بەدىنى ناھايىتى قاتتىق قاسىراق بىلەن قاپلانغان بولۇپ، قارىماققا بەئەينى قەدىمكى زامانلاردىكى ساۋۇت كىيگەن پالىۋانغىلا ئوخشىشىدۇ، لېكىن ئۇنىڭ مىجەزى ناھايىتى رايىش بولۇپ، ئەزەلدىن چوڭ ھايۋانلار بىلەن تۇتۇشۇپ قالمايدۇ، ئۇ پەقەت چۈمۈلە تۇتۇپ يېيىشكىلا ئامراق. تاغتېشەر چۈمۈلە تۇتۇشقا تولىمۇ ماھىر. ئۇ چۈمۈلە ئۇۋىسىنى بايقاپ قالسا، ئىلمەكسىمان ئۆتكۈر تىرناقلىرى بىلەن ئۇۋىنى بولۇشىغا كولاپ بۇزۇۋېتىپ چۈمۈلىلەرنى ئۇۋىسىنىڭ سىرتىغا ھەيدەپ چىقىدۇ، بۇ چاغدا ئۇ ئۇزۇن تىلىنى چىقىرىپ سۈپۈرۈپ يالماپ، بىر مۇنچە چۈمۈلىنى بىردەمدىلا قورسىقىغا سولاپ بولىدۇ. بەزىدە، تاغتېشەر ئېرىنىپ قالسا، چۈمۈلە ئۇۋىسىنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۆلگەن بولۇپ يېتىۋالىدۇ ھەمدە بەدىنىدىكى قاسىراقچىلارنى ئېچىپ كۈچلۈك پۇراق چىقىرىپ چۈمۈلىلەرنى جەلپ قىلىدۇ، چۈمۈلىلەر بۇ پۇراققا گۆل بولۇپ، ئۇۋىسىدىن بەس - بەستە چىقىشىدۇ - دە، ئۆلگەن بولۇپ يېتىۋالغان تاغتېشەرنى كۆرۈپ، تاغدەك بىر دۆۋە گۆشكە ئېرىشىپتۇق دەپ تازا بىر مەززە قىلىپ يىمەكچى بولغاندا، تاغتېشەر بەدىنىنى قورۇپ قاسىراقچىلىرىنى جۈپلەپ، چۈمۈلىلەرنى قاسىراقچىلىرى ئارىسىغا قىسىۋالىدۇ، ئاندىن كۆلگە سەكرەپ چۈشۈپ بەدىنىنى ئىرغىتسا، چۈمۈلىلەرنىڭ ھەممىسى سۇ يۈزىگە لەيلەپ چىقىپ تېپىرلاپ كېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن تاغتېشەر ئۇزۇن تىلىنى چىقىرىپ، سۇدا لەيلەپ قالغان چۈمۈلىلەرنى پاك - پاكىز يەۋېتىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە
تاغتېشەر چۈمۈلىنى قاندق تۇتۇپ يەيدۇ؟ | UyghurWiki | UyghurWiki