UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن بېگېموتنىڭ بەدىنىدىن بەزىدە <قان> تەپچىرەيدۇ؟

نېمە ئۈچۈن بېگېموتنىڭ بەدىنىدىن بەزىدە <قان> تەپچىرەيدۇ؟

نېمە ئۈچۈن بېگېموت قۇرۇقلۇقتا ياشايدىغان ھايۋان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ كۆپ قىسىم ۋاقتى سۇدا ئۆتىدۇ. دەريا - ئېقىنلار ئۇ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ماكان ھېسابلىنىدۇ. بېگېموت بەزىدە قۇرۇقلۇققا چىقىپ ئۇيان - بۇيان مېڭىپ يۇمران ئوت - چۆپلەرنى يەپ مەڭگۈ تويماس قورسىقىنى باقىدۇ. بىز روئولوگ بېگېموتنىڭ دەريادىن قۇرۇقلۇققا چىقىپ ھەرىكەت قىلىشىنى كۆزىتىۋېلىپ مۇنداق بىر قىزىقارلىق ئەھۋالنى بايقىغان: بېگېموتنىڭ سىپسىلىق تېرىسىدىن بەزىدە قىپقىزىل <قان> تەپچىرەپ چىقىدىكەن، <قان> تەپچىرىگەنسېرى تېرىسى پۈتۈنلەي دېگۈدەك قارامتۇل قىزىل بولۇپ كېتىدىكەن. بۇ قانداق ئىش؟ زوئولوگ بېگېموتنىڭ تېرە يۈزىدىن ئازراق <قان> ئېلىپ ئىچكىرىلەپ تەھلىل قىلىپ كۆرۈپ، بېگېموتنىڭ تېرىسىدىن <قان> تەپچىرەشنىڭ سىرىنى ئېنىقلاپ چىققان. ئەسلىدە، بېگېموتنىڭ تېرىسى ناھايىتى قېلىن بولىدىكەن. لېكىن بەدىنىدە تەر بەزلىرى بولمىغاچقا، ئىنسانلارغا ئوخشاش تەر ئارقىلىق بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تۆۋەنلىتەلمەيدىكەن ۋە تېرىسىنىڭ نەملىكىنى ساقلىيالمايدىكەن. ئۇ سۇدا تۇرسا تەر چىقىش - چىقماسلىق مەسىلىسى مەۋجۇت بولمايدىكەن، بىراق قورۇقلۇققا چىقسىلا تېرىسىدە سۇ تەركىبى كەمچىل بولۇش سەۋەبلىك قۇرۇپ يېرىلىپ كېتىدىكەن. بۇنداق چاغدا بېگېموت <قان تەپچىتىش> ئارقىلىق بۇنى تولدۇرىدىكەن. ئەمەلىيەتتە، بېگېموتنىڭ تېرىسىدىن تەپچىرەپ چىققىنى قان بولماستىن، بەلكى ئۇنىڭ تېرىسى ئاجرىتىپ چىقارغان بىر خىل قىزىل رەڭلىك سۇيۇقلۇق بولۇپ، ئۇ ئاساسلىقى تېرىنى ئاسىراش، تېرىنىڭ يېرىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىنى ئوينايدىكەن.
← بارلىق تېمىلار نەمە