نېمە ئۈچۈن ھامىلىدار ئاياللار لۆم - لۆم كارىۋاتتا يېتىشتىن پەرھىز تۇتۇشى كېرەك؟
نېمە ئۈچۈن
لۆم - لۆم كارىۋات ئېلاستىكلىقى بىلەن نىسبەتەن ياخشى ئۇخلاش ئورنى بولۇپ، يۇمشاق، راھەت قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن ھازىرقى ئائىلىلەرنىڭ دائىم ئىشلىتىدىغان ھۇجرا سايمانلىرى. بىراق، ھامىلىدار ئاياللار ئىشلەتسە بولمايدۇ، بۇنىڭ سەۋەبى تۆۋەندىكىچە:
1. ئومۇرتقىنىڭ نورمالسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ئومۇرتقا تۈۋرۈكىنىڭ بەل قىسمىدىكى ئېگىلىشچانلىقى نىسبەتەن چوڭ بولۇپ، لۆم - لۆم كارىۋات ياكى ئۇنىڭدىن باشقا ئالىي دەرىجىلىك ئېلاستىكلىق كرىسلو كارىۋاتتا ئۇخلىغاندا بەل ئومۇرتقىسىغا زور تەسىرى بولىدۇ. ئوڭدىسىغا ياتقان ۋاقىتتا، ئومۇرتقا تۈۋرۈكى يايسىمان ئېگىلىپ، ئەسلىدىلا ئالدىغا ئېگىلگەن بەل ئومۇرتقىسى كىچىك بوغۇملىرىنىڭ سۈركىلىشىنى كۆپەيتىۋېتىدۇ. يانتۇ ياتقاندا، ئومۇرتقىمۇ يانغا ئېگىلىدۇ. ئۇزۇن مۇددەت مۇشۇنداق بولسا ئومۇرتقا ئورنىنىڭ نورمالسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، نېرۋىغا تەسىر قىلىدۇ ۋە بەلنىڭ يۈكىنى كۆپەيتىۋېتىپ، ھېرىپ - چارچاشنى كۆپەيتىپلا قالماستىن، فىزىئولوگىيىلىك ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇشقىمۇ پايدىسىز ھەم دائىملىق بەل ئاغرىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
2. بەدەننى ئۆرۈشكە ئەپسىز. نورمال ئادەملەر ئۇخلىغان ۋاقىتتا يېتىش شەكلىنى دائىم ئۆزگەرتىپ تۇرىدۇ. بىر كېچىدە 20 قېتىم ئەتراپىدا ئۆرۈلىدۇ، ئالىملارنىڭ قارىشىچە، بەدەننى ئۆرۈپ ياتقاندا چوڭ مېڭە قاتلىمىنىڭ بېسىمىنى تارقىتىپ، ياخشى ئۇخلىغىلى بولىدىكەن. بىراق، لۆم - لۆم كارىۋات بەك يۇمشاق بولۇپ، ھامىلىدار ئاياللار بۇ كارىۋاتقا چۆكۈپ كېتىپ، ئوڭايلىقچە ئۆرۈلەلمەيدۇ.
3. ھامىلىدار ئاياللار ئوڭدىسىغا يېتىپ ئۇخلىغاندا، بالىياتقۇنىڭ قورساق غول ئارتېرىيىسى ۋە تۆۋەنكى بوشلۇق ۋېناسىنىڭ بېسىمىنى كۆپەيتىپ، بالىياتقۇنىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىشى ئاز بولۇپ قالىدۇ. بۇ ھامىلىگە زىيانلىق، ئوڭ تەرەپنى بېسىپ يېتىپ ئۇخلىغاندا، يۇقىرىدا سۆزلىگەن بېسىملار گەرچە يېنىك بولسىمۇ، بىراق ئوڭ تەرەپ سۈيدۈك چىقىرىش ئەزاسىغا بېسىم پەيدا قىلىپ، بۆرەك كېسىلىگە گىرىپتار قىلىپ قويىدۇ. سول تەرەپنى بېسىپ ئۇخلىغاندا، يۇقىرىقى بېسىملارنى ئازايتقىلى ۋە ساقلانغىلى بولىدۇ. بىراق، يۈرەك بېسىمغا ئۇچراپ، ئاشقازاننىڭ، ئۈچەينىڭ كىرىش يوللىرى توسالغۇغا ئۇچرايدۇ. بۇمۇ ئوخشاشلا ھامىلىدار ئاياللارنىڭ سالامەتلىكىگە زىيانلىق. شۇڭا، ھامىلىدار ئايال ۋە ھامىلىنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن، ھامىلىدار مەزگىلدە لۆم - لۆم كارىۋاتتا ئۇخلىماسلىق، پالما دەرەخنىڭ تالالىرىدىن توقۇلغان كارىۋات ياكى قاتتىق ياغاچ كارىۋاتتا 5 ~ 10 سانتىمېتىر قېلىنلىقتىكى پاختىلىق ئەدىيالنى سالسىلا بولىدۇ، ياستۇقنىڭ يۇمشاق ۋە ئېگىز - پەسلىكىگىمۇ دىققەت قىلىش. ياستۇق بولسا ئۇخلاشتىكى زۆرۈر بۇيۇم بولۇپ، ئۇ ئادەمنىڭ ھەربىر كۈنىدىكى ئۇيقۇ سۈپىتىگە تەسىر قىلىدۇ. ھامىلىدار ئاياللار ئالاھىدە مەزگىلدە بولۇپ، شۇڭا ياستۇقنى تاللاشقا قاتتىق دىققەت قىلىش كېرەك.