UyghurWiki›نەمە›ئون ئايلىقتىن 12 ئايلىققىچە بولغان بوۋاقلاردا ئۇخلاش ئادىتىنى قانداق يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ؟
ئون ئايلىقتىن 12 ئايلىققىچە بولغان بوۋاقلاردا ئۇخلاش ئادىتىنى قانداق يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
ئون ئايلىقتىن 12 ئايلىققىچە بولغان بوۋاقلار، ھەر كۈنى 14 سائەتتىن 15 سائەتتكىچە ئۇخلايدۇ. كۈندۈزى ئىككى - ئۈچ قېتىم ئۇخلايدۇ. ھەر قېتىمدا ئىككى سائەتتىن 5.2 سائەتكىچە ئۇخلايدۇ. ئاتا - ئانىلار بۇ خىل ئالاھىدىلىككە ئاساسەن بوۋاقنى بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا ئۇخلىتىش، ھەر قېتىم ئۇخلىتىشتىن ئىلگىرى، ئانا بالىغا يېقىملىق ئاۋازدا <قوزام، بىز ئۇخلايلى، دەرھال كۆزىڭىزنى يۇمۇڭ بولامدۇ؟> دەپ، ئاندىن بالىنى قۇچاقلاپ كارىۋاتقا ياتقۇزۇپ، ئەللەي ناخشىسى ئېيتىپ بېرىش ياكى يېقىملىق مۇزىكىلارنى قويۇپ بېرىش كېرەك. مۇشۇنداق بولغاندا بوۋاق ئاتا - ئانىسىنىڭ تەرتىپلىك يېتەكچىلىك قىلىشى ئاستىدا بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا ئۇخلاش ئادىتىنى يېتىلدۈرىدۇ