ئاچچىق يېمەكلىكنىڭ ھەممىسى كىسلاتالىقيېمەكلىككە كىرەمدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
يېمەكلىكلەر يەنە كىسلاتالىق يېمەكلىك ۋە ئىشقارلىق يېمەكلىك دەپ ئىككى خىلغا بۆلۈنىدۇ، ھەرگىزمۇ يېمەكلىكنىڭ تەمىگە ئاساسەن ھۆكۈم قىلىشقا بولمايدۇ. بەلكى يېمەكلىكلەر ھەزىم قىلىنغاندىن كېيىن مېتابولىزم ئارقىلىق ئاجرىتىلىپ چىقىرىلغان ماددىلارنىڭ كىسلاتالىق ۋە ئىشقارلىقى ئارقىلىق ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇ. دولانا، لىمون، پەمىدۇر قاتارلىقلارنى يېگەندە، ئاچچىق - چۈچۈك بولسىمۇ بىراق ئۇلارنىڭ ئادەم بەدىنىدىكى مېتابولىزم مەھسۇلى ئىشقارلىق بولغاچقا، ئىشقارلىق يېمەكلىكلەر قاتارىغا كىرىدۇ. سۈت تۈرىدىكىلەر ئىشقارلىق يېمەكلىكلەرگە كىرىدۇ، گەرچە قېتىق ئاچچىق - چۈچۈك بولسىمۇ، بىراق ئىشقارلىق يېمەكلىككە كىرىدۇ. قەنت تۈرىدىكىلەر گەرچە تاتلىق بولسىمۇ، بىراق ئادەم بەدىنىدىكى مېتابولىزم مەھسۇلى كىسلاتالىق بولغاچقا، كىسلاتالىق يېمەكلىككە كىرىدۇ.