UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبوۋاقلار تېلېۋىزور كۆرسە بولامدۇ؟

بوۋاقلار تېلېۋىزور كۆرسە بولامدۇ؟

نېمە ئۈچۈن بەزى ئاتا - ئانىلار بوۋاقنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر يېتىشتىن قورقۇپ ئۇلارنى تېلېۋىزور كۆرگىلى قويمايدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ خىل قاراش پۈتۈنلەي توغرا دېيەرلىك ئەمەس. نۆل ~ ئۈچ ئايلىق بوۋاقلارغا نسىبەتەن كۆرۈش سەزگۈ سىستېمىسى تېخى بىر ئاز يۇمران بولغانلىقتىن، بوۋاقنىڭ تېلېۋىزور كۆرۈشىدىن ساقلىنىش زۆرۈرىيىتى بار. لېكىن تۆت ~ ئالتە ئايلىق بوۋاقلارنىڭ كۆرۈش سەزگۈسى ۋە ھېس قىلىش سىستېمىسى ئاللىبۇرۇنلا بەلگىلىك تەرەققىي قىلغان بولۇپ، بەلگىلىك سەزگۈ ئىقتىدارى ۋە دىققىتىنى بىر يەرگە يىغىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان. ئەگەر تېلېۋىزور كۆرۈش ئۇسۇلى توغرا بولسا، تېلېۋىزور كۆرۈشنىڭ بوۋاقلارنىڭ ئەقلىنىڭ ئېچىلىشىغا بەلگىلىك پايدىسى بولىدۇ. تۆت ئايلىقتا بوۋاقلار رەڭلىك رەسىم، ھەرىكەت قىلىۋاتقان جىسىم، رىتىملىق ئاۋازغا نىسبەتەن ئىنتايىن سەزگۈر، تېلېۋىزور بولسا دەل بوۋاقلارنىڭ مۇشۇ خىل ئېھتىياجلىرىنى قاندۇرالايدۇ. شۇڭا ئاتا - ئانىلار بوۋاق يىغلاپ كەتكەندە شۇنداق تېلېۋىزورنى قويغان ھامان يىغىسىدىن توختايدىغانلىقىنى بايقايدۇ. تېلېۋىزور بوۋاقنىڭ كۆرۈش، ئاڭلاش سەزگۈسىنى مۇۋاپىق غىدىقلىغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئەقلىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. ئەمما دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى، ئادەتتە تېلېۋىزور بىلەن كۆزنىڭ ئارىلىقى ئىككى مېتىردىن يىراق بولۇشى، بەك يېقىن بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك. تېلېۋىزور كۆرۈش ۋاقتىنى ئەڭ ياخشىسى كۈندۈزى تاللاش چۈنكى كۈندۈزى تەبىئىي نۇر تەگ بولۇپ، كۆرۈش ئىقتىدارىنى قوغداش رولىنى ئوينايدۇ. تېلېۋىزورنىڭ يورۇقلۇق دەرىجىسى، رەڭگى، ئاۋازى دەل بولۇش، بوۋاققا نىسبەتەن بەك كۈچلۈك غىدىقلىنىشتىن ساقلىنىش. ئادەتتىكىچە ئېيتقاندا، تۆت ~ سەككىز ئايلىق بوۋاقلارنىڭ ئۇدا تېلېۋىزور كۆرۈش ۋاقتى ئىككى مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، سەككىز ~ ئون ئىككى ئايلىق بوۋاقنىڭ بەش مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە