UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن ھاراق ئىچكەندىن كېيىن ھامىلىدار بولۇشقا بولمايدۇ؟

نېمە ئۈچۈن ھاراق ئىچكەندىن كېيىن ھامىلىدار بولۇشقا بولمايدۇ؟

نېمە ئۈچۈن ھامىلىنىڭ ئىسپىرتتىن زەھەرلىنىش سىندورومى< ۋە >ھامىلە ئىسپىرت تەسىرى< بار بالىلارنىڭ ھەممىسى ئاساسەن دېگۈدەك مەلۇم بىرخىل ھەرىكەتتە بىنورمال بولىدۇ ياكى ناھايىتى ئاكتىپ، دوستانە پوزىتسىيىدە، يات كىشىلەرنى كۆرگەندىمۇ جىددىيلەشمەي، قورقمايدىغان ئىپادىدە بولىدۇ. بىراق ئوخشاش ياشتىكى دوستلىرى بىلەن ئالاقە قىلىشالمىغىلى دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ قالالمىغىلى تاس قالىدۇ. ئۇيقۇسى تەرتىپسىز بولىدۇ، ھەرىكەتلىرى نىشانسىز، ناھايىتى قىزغىن بولىدۇ. دائىم قولغا چىققانلىكى نەرسىنى ئوغرىلايدۇ، ئادەتتە ھەرقانداق خاتالىقنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى ناتايىن. ئۆز - ئۆزىنى قوغداش قارىشى ئاساسەن يوق، كىچىككىنە نارازىلىق ياكى ئاۋارىچىلىككە دۇچ كەلسە، دائىم قاتتىق غەزەپكە كېلىدۇ. ئاتا - ئانىلار بۇ خىل ئىشلارنى چوڭ بولغاندا ئوڭشىلىپ كېتىدۇ دەپ قارىماسلىقى كېرەك. بەزىدە مەلۇم ھەرىكەتلەرنىڭ چەكتىن ئېشىپ كېتىشى بوۋاقلىق ۋەبالىلىق ۋاقتىدا بىلىنمەيدۇ، بىراق ئۆسمۈرلۈك ۋە ياشلىق دەۋرىگە قەدەم قويغاندا ياكى قۇرامىغا يەتكەن ۋاقىتتا بىلىنىدۇ، ھەتتا ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملىشىشى مۇمكىن. ئەڭ ياخشى تەربىيىنى بەرگەن تەقدىردىمۇ ئۆزگىرىشى ناتايىن. مەسىلەن: ئۆزىنى قەتئىي باسالماسلىق، قاتتىق ھاياجانلىنىش قاتارلىق ھەرىكەتلەر. شۇڭا >ھامىلىنىڭ ئىسپىرتتىن زەھەرلىنىش ئۇنىۋېرسال كېسەللىكى< گە گىرىپتار بولغان قۇرامىغا يەتكەنلەر مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرەلمەيدۇ ۋە خىزمەت قىلالمايدۇ. ئىسپىرتنىڭ ھامىلىگە كەلتۈرگەن زىيىنى فىزىئولوگىيىلىك جەھەتتىن بولغاچقا، كېيىنكى داۋالاش مەزگىلىدىمۇ كېسەللىك ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىش ناھايىتى تەس. شۇڭا، ئالدىنى ئېلىش ئىنتايىن مۇھىم، ئېمكانقەدەر بالدۇرراق دىئاگنوز قويۇپ ۋە داۋالاش كېرەك ھەم ئالاھىدە تەربىيە ئېلىپ بېرىپ، خىلمۇخىل تۇغما كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاپ، جەمئىيەتكە ياراملىق خادىم قىلىپ تەربىيىلەپ چىقىش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە