ئانا كېچىسى بالا ئېمىتىشكە ئامراقمۇ بولۇپ قالامدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
كېچىلىك تۇرمۇشقا ئادەتلىنىپ قالغان ئانىلارغا نىسبەتەن، كېچىدە بالا ئېمىتىشكە ئامراق بولۇپ قېلىش ئانچە تەس ئىش ئەمەس. پەقەت ئىلگىرىكى تۇرمۇش ئۇسۇلىڭىز بويىچە، ئۆزىڭىزنىڭ بالىسىغا خۇشال - خۇرام مۇئامىلە قىلسىڭىزلا بولىدۇ. ئەگەر ئانا يۇقىرىقىدەك تۇرمۇش ئۇسۇلىنى بەك ياقتۇرمىسا، ئۇنداقتا كېچىدە بالا ئېمىتىش يۈككە ئايلىنىپ قېلىشىمۇ مۇمكىن، بىراق قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئەمدىلا ئاتا - ئانا بولغانلار ئىمكانقەدەر كېچىدە بالا ئېمىتىشكە ئادەتلىنىشى ۋە ھەقىقىي ياقتۇرۇشى كېرەك. بەلكىم تەڭرى سىزگە يۇۋاش، گەپ ئاڭلايدىغان، كۈندۈزى يۇۋاشلىق بىلەن ئېمىپ، كېچىسى تىنچ ئۇخلايدىغان ياكى كېچە - كۈندۈز توختىماستىن ئېمىدىغان، ئاتا - ئانىسىنىڭ كۆيۈنۈشىنى تەلەپ قىلىدىغان ئاتا قىلغاندۇ ۋە بۇ ئىككى خىل بالىلارنى ھەممىسى نورمال بولۇپ، ئاڭلىق ھالدا ئۆزى ئېھتىياجلىق بولغان ياكى ئازادە مۇھىت ۋە قىياپەتنى ئىزدىشى مۇمكىن. ئانىلار بۇلارنى چۈشىنىپ، جىمجىت كېچىدىمۇ پەقەت ئانا بىلەن بالا ئوتتۇرىسىدىكىلا مېھرى - مۇھەببەتتىن بەھر ئېلىپ، كېچىدە بالا ئېمىتىشكە ئادەتلىنىشى، ھەتتا ئامراق بولۇپ قېلىشى كېرەك.