قانداق قىلغاندا بالىلارغا ياخشى تاماق ئادىتىنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
بالىلارغا ياخشى تاماق ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن، تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك:
1. بالىلارنىڭ يېمەكلىككە بولغان قىزىقىشى ۋە ھەۋىسىنى يېتىلدۈرۈش. بالىلىق دەۋرى بوۋاقلىق دەۋرىگە ئوخشىمايدۇ. شۇڭا، چوڭلار ئۇلارنىڭ ئالدىدا مەلۇم خىل يېمەكلىكنى يېيىشلىك ئەمەس، ئوزۇقلۇق قىممىتى يوق دېمەسلىكى كېرەك. بولمىسا بالىلارنىڭ ئاشۇ يېمەكلىكتىن بىزار بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، كۆكتات تاللايدىغان ئادىتىنى شەكىللەندۈرۈپ قويىدۇ. ئۇنىڭ ئەكسىچە، دائىم بالىلارغا خىلمۇخىل يېمەكلىكلەرنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتىنى، ئارتۇقچىلىقىنى سۆزلەپ، بالىلارنىڭ بۇ خىل يېمەكلىككە بولغان قىزىقىشىنى قوزغاش كېرەك.
2. بالىلارنىڭ تاماق يېيىش ۋاقتى ئۇزۇن بولماسلىقى، بىر تەرەپتىن تاماق يەپ، بىر تەرەپتىن ئوينىشىغا رۇخسەت قىلماي، چوڭلار بىلەن بىرلىكتە تاماق يەپ، ياخشى بولغان تاماق يېيىش ئادىتى ۋە مۇھىتىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.
3. تاماقتىن بۇرۇن ئۇششاق - چۈششەك يېمەكلىكنى، بولۇپمۇ تاتلىق يېمەكلىكنى كۆپ بەرمەسلىك. مەسىلەن: تاماقتىن بۇرۇن قولنى يۇيۇپ، مېۋىلەرنى يۇيۇۋېتىپ ئاندىن يېيىش قاتارلىقلار. ئۇنىڭدىن باشقا، بالىلارنى ئۆزى چوكا، قوشۇقتا تاماق يېيىشنى ئۆگىتىش، بالدۇرراق مۇستەقىل تاماق يېيىش ئادىتىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك