كۆكيۆتەل (يۈز كۈنلۈك يۆتەل) دە يۈز كۈن يۆتىلەمدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
كۆكيۆتەل جۇڭيى تېبابىتىدە <يۈز كۈنلۈك يۆتەل> دېيىلىپ، كۆكيۆتەل تاياقچە باكتېرىيىسى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئۆتكۈر نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسىلى. كۆكيۆتەل (يۈز كۈنلۈك يۆتەل) ھەرگىزمۇ يۈز كۈن يۆتىلىشنى كۆرسەتمەيدۇ ھەم يۈز كۈن يۆتىلىپ ئۆزلۈكىدىن ساقىيىشنىمۇ كۆرسەتمەيدۇ. ئەكسىچە بۇ كېسەلنىڭ يۆتىلىش ۋاقتى ئۇزۇنراق، كېسەل جەريانى ئىككى - ئۈچ ئاي بولغاچقا، جۇڭيى تېبابىتىدە <يۈز كۈنلۈك يۆتەل> دەپ ئاتالغان. كۆكيۆتەل ئاساسلىق چاچراتمىلار نەپەس يولى ئارقىلىق تارقىلىدۇ، كېسەل كىشى بىردىنبىر يۇقۇملاندۇرۇش مەنبەسى. كېسەللىنىشتىن ئىلگىرىكى بىر - ئىككى كۈندىن كېسەلنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ئۈچ ھەپتە ئىچىدە يۇقۇملۇقلۇقى ئەڭ كۈچلۈك، تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە يۈز بېرىدۇ لېكىن قىش، ئەتىياز پەسلىدە، بەش ياشتىن تۆۋەن كىچىك بالىلاردا كۆپرەك كۆرۈلىدۇ. يېشى قانچە كىچىك بولسا كېسەللىك ئەھۋالى كۆپىنچىسى شۇنچە ئېغىر بولىدۇ. كېسەلدىن كېيىن ئۇزاق مەزگىللىك ئىممۇنىتېت كۈچىگە ئېرىشەلەيدۇ.