نورمال يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق ھەم بالىلارنىڭ نەپەس، تومۇر سوقۇش قېتىم سانى قانچە؟
نېمە ئۈچۈن
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق ھەم بالىلارنىڭ نەپەسلىنىشى قورساقچە نەپەسلىنىشنى ئاساس قىلغاچقا، نەپەسلىنىش قېتىم سانىنى قورساق تۆۋەن قىسمى (دوۋسۇن) نىڭ كۆتۈرۈلۈپ، چۈشۈشىگە قاراپ ھېسابلىغىلى بولىدۇ. ئەگەر نەپەسلىنىشى بەك تېز بولۇپ ئېنىق كۆرگىلى بولمىسا، بىر ئاز پاختا تالاسىنى بۇرۇن گىرۋىكىگە يېقىنلاشتۇرۇپ، پاختا تالاسىنىڭ ھەرىكەتلىنىشىگە قاراپ تەكشۈرۈشكىمۇ بولىدۇ. بالىلارنىڭ تومۇر سوقۇشىنى بىلەك تومۇرىنى تۇتۇپ ئېنىق بىلگىلى بولمايدۇ. شۇڭا بويۇن ئارتېرىيىسى ياكى يوتا ئارتېرىيىسىنىڭ تەۋرىنىشىگە قاراپ ھېسابلايمىز.