نېمە ئۈچۈن ئايروپىلانغا <قىزىل، يېشىل چىراغ> ئورنىتىلىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
ئايروپىلان ئۇچقاندا گەرچە ئاسمان كەڭ بولسىمۇ، ئايروپىلاننىڭ سۈرئىتى ناھايىتى تېز بولغاچقا يەنىلا سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بېرىشى مۇمكىن. مۇشۇنداق خېيىمخەتەردىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۇچقۇچى ئەتراپىدا ئايروپىلان بار - يوقلۇقىغا ھەر ۋاقىت دېققەت قىلىشى، يوشۇرۇن خەۋپنىڭ بار - يوقلۇقىغا ۋاقتىدا ھۆكۈم قىلىشى لازىم. <قىزىل، يېشىل چىراغ> ئايروپىلاننىڭ يول چىرىى بولۇپ، ئۇ ئۇچقۇچىغا يول باشلاش رولىنى ئوينايدۇ. ھەر بىر ئايروپىلانغا ئۈچ يول چىرىغى ئورنىتىلغان، ئۇچقۇچىنىڭ سول يېنىدىكى قاناتتا قىزىل چىراغ، ئوڭ يېنىدىكى قاناتتا يېشىل چىراغ، ئايروپىلاننىڭ قۇيرۇقىدا ئاق چىراغ بار.
ئايروپىلان كېچىدە ئۇچقاندا يول چىرىغىنى ياندۇرۇشى كېرەك. ئەگەر ئۇچقۇچى بىرلا ۋاقىتتا ئۈچ چىراغنى كۆرسە ئۆزىنىڭ ئۈستى ياكى ئاستىدا ئايروپىلان ئۇچۇۋاتقانلىقىنى چۈشىنىدۇ؛ ئەگەر قىزىل ۋە يېشىل چىراغنىلا كۆرسە ئۇدۇلدىن ئايروپىلان كېلىۋاتقانلىقىنى، سوقۇلۇپ كېتىش خەۋپى بارلىقىنى چۈشىنىدۇ؛ ئەگەر بىرلا قىزىل چىراغ ياكى يېشىل چىراغنى كۆرسە سول ياكى ئوڭ تەرىپىدە ئايروپىلان ئۇچۇۋاتقانلىقىنى، ھاۋا يولىدىن چىقىپ كەتمىسىلا سوقۇلۇپ كەتمەيدىغانلىقىنى چۈشىنىدۇ.
تۇمانلىق ھاۋاغا دۇچ كەلگەندە يول چىرىغىغىلا تايانغان بىلەن بولمايدۇ، بۇ چاغدا ئۇچقۇچى يېقىنلاپ كەلگەن ئايروپىلاننىڭ يۆنىلىشى ۋە ئارىلىقىغا ئايروپىلاندىكى رادارنىڭ ياردىمىدە ھۆكۈم قىلىشى لازىم. رادارغا ئاساسەن ئەتراپقا ئۈزلۈكسىز سىمسىز ئېلېكتر دولقۇنى تارقاتقاندا، ئۇچقۇچى ئايروپىلاننىڭ يۆنىلىشى ۋە سۈرئىتىنى ۋاقتىدا تەڭشىيەلەيدۇ.