يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى قان چىقىش كېسىـلىنىڭ قانداق ئالدى ئېلىنىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى قان چىقىش كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى كېسەل سەۋەبىگە قارىتىش، ۋىتامىن K كەملىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش تۆۋەندىكى بىر قانچە تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
1. ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە تارتىشىشقا قارشى دورا (ناترىي فېنو باربېتال، فىتوئىن ناترىي)، تۇبېركۇلوزغا قارشى دورا (رىفامىن) ھەم ئۇيۇشقا قارشى دورىلارنى ئىشلەتكەن بولسا، تۇغۇتتىن ئىلگىرى ۋىتامىن K دىن 10 مىللىگرامنى ئۈچ كۈندىن بەش كۈنگىچە مۇسكۇلغا ئوكۇل قىلىش؛ بالا ئېمىتىۋاتقان ئانا ھەر ھەپتىدە ۋىتامىن K دىن 20 گرامنى ئىككى قېتىم ئىچكۈزۈش، لېكىن يۇقىرىقى ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇلىنىڭ ئۈنۈمىنى جەزملەشتۈرگىلى بولمايدۇ.
2. بوۋاق تۇغۇلغان ھامان ۋىتامىن K1 دىن بىر مىللىگرامدىن ئىككى مىللىگرامغىچە مۇسكۇلدىن ئوكۇل قىلىش، ساپ ئانا سۈتى بىلەن بېقىلىۋاتقان يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارغا تۇغۇلۇپ ئىككى ھەپتىدە ۋىتامىن K1 نى بەش مىللىگرامدىن ئون مىللىگرامغىچە بېرىش؛
3. ئۇزۇن مەزگىل پۈتۈنلەي ۋېنادىن ئوزۇقلۇق بېرىشكە ئېھتىياجلىق ياكى ئۈچەي يولىدىكى سۈمۈرۈش ياخشى بولماسلىق، جىگەر ئۆت كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلار ئومۇمەن دېگۈدەك ھەر ھەپتىدە ۋىتامىن K1 نى 0.5 مىللىگرامدىن تولۇقلاش كېرەك.