رادارغا چۈشمەس ئايروپىلان نېمە ئۈچۈن رادارغا چۈشمەيدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
رادارغا چۈشمەس (كۆرۈنمەس) ئايروپىلان بار، دەپ ئاڭلىغانمىدىڭىز؟ ئۇ رادارنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆزىنى قاچۇرالىغاچقا، ئاسمان بوشلۇقىدا <كۆرۈنمەيدۇ(رادارغا چۈشمەيدۇ)>.
ئايروپىلاننىڭ مېتالدىن ياسىلىدىغانلىقى چەممىمىزگە ئايان. ئۇنىڭ سىرتقى يۈزى ئېلېكترو ماگىنىپ دولقۇننى قايتۇرۇپلا قالماي، بەلكى ئۇنىڭدىكى ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلەرمۇ ئېلېكترو ماگىنىت دوقۇنى پەيدا قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت، ئايروپىلان ماتورى شاۋقۇن، يورۇقلۇق چىقىرىدۇ. ئايروپىلاننىڭ سىرتقى قېپى ھاۋا بىلەن سۈركىلىپ ئىسسىقلىق پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا، ئايروپىلاننى ھاۋا بوشلۇقىدا <كۆرۈنمەس> قىلىش ئۈچۈن، يۇقىرىقى مەسلىلەرنى ھەل قىلماي بولمايدۇ.
رادارغا چۈشمەس ئايروپىلاننى ئادەتتىكى ئايروپىلانغا سېلىشتۇرغاندا، ئۇنىڭ سىرتقى شەكلى، ياساشتا ئىشلىتىلگەن ماتېرىيالى، سىرتقى قېپىنىڭ سىرى، ماتورى ۋە يېقىلغۇسى قاتارلىقلار ئىنتايىن زور دەرىجىدە ئۆزگەرتىلگەن. رادارغا چۈشمەس ئايروپىلاننىڭ شەكلى يايپاڭ بولۇپ، ئايروپىلان گەۋدىسى بىلەن ئايروپىلان قانىتىنىڭ ئۇلانغان جايلىرى يۇمىلاق ھالدا سىلىق تۇتاشتۇرۇلغان ھەمدە رادار دولۇنىنى قايتۇرۇش يۈزى زور دەرىجىدە كىچىكلىتىلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئايروپىلان گەۋدىسىگە كاربون تالاسى قاتارلىقلاردىن ياسالغان بىرىكمە ماتېرىيال قوللىنىلىپ، ئايروپىلان گەۋدىسىنىڭ سىرتقى يۈزىدىكى يوشۇرۇش ئىقتىدارغا ئىگە سىر بىلەن ماسلاشتۇرۇلۇپ، رادار دولقۇنىنى كۈچلۈك تۈردە سۈمۈرۈۋالىدۇ - دە، ردار دولقۇنى <شۇ كەتكىنىچە قايتىپ كەلمەيدۇ>. رادارغا چۈشمەس ئايروپىلاننىڭ ماتورى ئۆزگەرتىلىپ، ئىسسىقلىق سۈمۈرىدىغان ۋە ئىسسىقلىق ئۆتمۈزمەيدىغان قۇرۇلمىلار قوللىنىلغانلىقى ھەمدە يېڭى تىپتىكى يېقىلغۇ ئىشلىتىلگەنلىكى ئۈچۈن، ئايروپىلاننىڭ ئنفرا قىزىل نۇر رادىئاتسىيە مىقدارى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىگەن. شۇڭا ئايروپىلاننى دۈشمەننىڭ ئىنفىرا قىزىل نۇرلۇق تەكشۈرۈش ئەسۋابى بايقىيالمايدۇ. رادارغا چۈشمەس (كۆرۈنمەس) ئايروپىلان يەنە كۆرۈنىدىغان نۇرنى تەكشۈرۈش ۋە قايتما ئاۋاز دولقۇنىنى تەكشۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، ماتورنىڭ تەۋرىنىشى، ئايروپىلاننىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى نۇردىن تارتىپ ئايروپىلان قېپىنىڭ سىرتقى رەڭگىگىچە ھەممىسى قاتتىق تىزگىنلەنگەن. ئۇنىڭدىن سىرت، رادارغا چۈشمەس سېستىمىسى ۋە ئېلېكترونلۇق دالدىلاش قۇرۇلمىسى ئورنىتىلغان بۇلۇپ، ھەم دۈشمەننى رازۋېدكا قىلالايدۇ، ھەم دۈشمەننىڭ رازۋېدكا ئۈسكۈنىلرى تەرىپىدىن بايقالمايدۇ.