UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن دورىنى سۈت، مېۋە شەربىتى بىلەن ئىچىش مۇۋاپىق ئەمەس؟

نېمە ئۈچۈن دورىنى سۈت، مېۋە شەربىتى بىلەن ئىچىش مۇۋاپىق ئەمەس؟

نېمە ئۈچۈن بىمار دورا يېگەندە ھەممىدىن ھەزەر ئەيلەيدىغان ئىش سۈت بىلەن دورىنى بىرلا ۋاقىتتا ئىچىش. چۈنكى، سۈت بىلەن دورا ئارىلىشىپ كەتسە، دورىنىڭ سىرتقى تەرىپىدە بىر قەۋەت پەردە پەيدا بولۇپ دورىنى قاپلىۋېلىپ، دورىدىكى ئۈنۈملۈك تەركىبنىڭ تارقىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سۈت ئاشقازان يۈزىدە بىر قەۋەت پەردە ھاسىل قىلىپ، ئاشقازان شىلىمشىق پەردىسىنىڭ دورىنى قوبۇل قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە سۈتتىكى كالتسىي تېتراتسىكلىن (سىخۇەنسۇ) غا ئوخشاش دورىلار بىلەن رېئاكسىيىلىشىپ، ئېرىمەس ماددا بولۇپ شەكىللىنىدۇ. دورا سۇدا ئېرىگەندە، ئاندىن رولىنى جارى قىلدۇرالايدۇ، بولمىسا، دورىنىڭ ئۈنۈمىگە تەسىر يېتىدۇ. سۈت دورا بىلەن بىللە ئىچىلسە، ئەگەر دورا تەركىبىدە كالتسىي بولسا، ئادەم بەدىنىنىڭ سۈتتىكى كالتسىينى قوبۇل قىلىشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. بۇنىڭ بىلەن دورىنىڭ ئۈنۈمى تۆۋەنلەپ كېتىپ، ئادەم بەدىنىنىڭ كالا سۈتىنى قوبۇل قىلىشىغا تەسىر يېتىپلا قالماستىن، بەلكى ئاشقازاننىڭ يۈكىنى ئېغىرلىتىۋېتىدۇ. مېۋە شەربىتىدە كۆپ خىل ۋىتامىن، شېكەر ۋە ئادەم بەدىنىدە بولۇشقا تېگىشلىك مىكرو ئېلېمېنتلار بار، بالىلار ئۇنى بەك ياخشى كۆرىدۇ. بەزى ئائىلە باشلىقلىرى ئاچچىق دورىلارنى كۆپ ھاللاردا بالىلارغا مېۋە شەربىتى بىلەن ئىچۈرىدۇ، بۇنداق قىلىش تولىمۇ مۇۋاپىق ئەمەس. بەزى دورىلاردا دورىنىڭ ئاچچىق تەمى ئارقىلىق تىلغا تەسىر كۆرسىتىپ، ئاشقازاننىڭ سۇيۇقلۇق ئاجرىتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئىشتىھانى ئېچىش، ھەزىم قىلىشنى ياخشىلاش مەقسىتىگە يېتىلىدۇ. ئەگەر ئۇ مېۋە شەربىتى بىلەن بىللە ئىچىلسە، دورىنىڭ رولى ئاجىزلاپ كېتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، مېۋە شەربىتى تەركىبىدە زور مىقداردا كسىلاتالىق ۋىتامىن C بولغاچقا، ئۇ بەزى ئىشقارلىق دورىلار بىلەن بىللە ئىچىلسە، بالىلارنىڭ سۈيدۈكىدە كرىستال پەيدا بولىدۇ - دە، بالىلارنىڭ بۆرىكىنىڭ يۈكىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. شۇڭا، ئاچچىق دورا ئىچىشنى خالىمايدىغان بالىلارغا ھەرگىز دورىنى سۈت، مېۋە شەربىتى بىلەن ئىچۈرمەسلىك كېرەك. دورىنىڭ ئاچچىق تەمىنى ئازايتىش ئۈچۈن، ئازراق شېكەر سۈيى ياكى شېكەر قىيامى قوشۇپ بەرسە بولىدۇ ياكى يېگىلى بولىدىغان نومى قەغىزىگە دورىنى ئوراپ ئىچۈرسىمۇ بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە
نېمە ئۈچۈن دورىنى سۈت، مېۋە شەربىتى بىلەن ئىچىش مۇۋاپىق ئەمەس؟ | UyghurWiki | UyghurWiki