UyghurWiki
UyghurWikiنەمەقۇياش لاۋۇلداپ يېنىۋاتقان <چوڭ كۆمۈر شارى> مۇ؟

قۇياش لاۋۇلداپ يېنىۋاتقان <چوڭ كۆمۈر شارى> مۇ؟

نېمە ئۈچۈن قۇياش بەئەينى قۇياش سىستېمىسىنىڭ <ئائىلە باشلىقى> دەك، ئۆزىنىڭ نۇرى ۋە ئىسسىقلىقى بىلەن قۇياش سىستېمىسىنىڭ ھەر بىر ئەزاسىغا ئىللىقلىق يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. ئۇزاق زامانلار ئىلگىرى، كىشىلەر قۇياشنىڭ نېمە ئۈچۈن توختاۋسىز رەۋشتە يورۇقلۇق ۋە ئىسسىقلىق تارقىتىدىغانلىقىنى بىلمەكچى بولغانىدى. قەدىمكى گرېتسىيىدە بىر پەيلاسوپ، قۇياش بولسا دىئامېتىرى تەخمىنەن 160 كىلومېتىر كېلىدىغان، ئۆزىدىن نۇر تارقىتىدىغان غايەت زور بىر تاشتىن ئىبارەت دەپ قارىغان. ئەمما ئەينى چاغدىكى كىشىلەر قۇياش قارىماققا ئۇنچىۋالا چوڭ ئەمەس دەپ قارايتتى. شۇنىڭ بىلەن ھېلىقى پەيلاسوپ مۇشۇ تۈپەيلى سۈرگۈن قىلىنىشقا ئۇچرىغان يەنە بەزىلەر قۇياشنى بىر لاۋۇلداپ يېنىۋاتقان <چوڭ كۆمۈر شارى> دەپ قارىغان. ئەمما ئالىملار قۇياشتەك چوڭلۇقتىكى كۆمۈر شارى بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ كۆپ بولغاندا 1500 يىل يانالايدىغانلىقىنى ھېسابلاپ چىقتى. بىزگە مەلۇمكى، قۇياشنىڭ ئالەمدە يېنىۋاتقىنىغا 5 مىليار يىل بولدى! ئۇنداقتا، قۇياش تارقىتىۋاتقان يورۇقلۇق بىلەن ئىسسىقلىق قەيەردىن كېلىدۇ؟ ئەسلىدە، قۇياش ئىنتايىن قىزىق گاز شارى بولۇپ، ئۇنىڭدا ناھايىتى نۇرغۇن ھىدروگېن ئېلېمېنتى بار. قوياش مەركىزىنىڭ تېمپېراتۇرىسى 15 - 20 مىليون سېلسىيە گرادۇسقا يېتىدۇ، ئۇ يەردە ھىدروگېن ئاتوم يادرولىرى ئۆز ئارا ئىنتايىن كۈچلۈك سوقۇلۇپ، گېلىي ئاتوم يادولىرىنى ھاسىل قىلىدۇ، بۇ ئەھۋال خۇددى ھىدروگېن بومبىسى پارتلىغانغا ئوخشاش بولۇپ، ھىدروگېن يادرولىرىنىڭ بىرىكىش رېئاكسىيىسى نەتىجىسىدە غايەت زور ئېنېرگىيە قويۇپ بېرىلىدۇ. بۇ ئېنېرگىيە قۇياشنىڭ ئىچكى قىسمىدىن سىرتقى يۈزىگە يېتىپ كېلىدۇ ھەمدە يورۇقلۇق ۋە ئىسسىقلىق شەكلىدە ئالەم بوشلۇقىغا تارقىلىدۇ، يەر شارى ئېرىشىدىغان ئېنېرگىيە بۇ ئېنېرگىيىنىڭ ئارانلا 2.2 مىلياردتىن بىرىگە باراۋەر كېلىدۇ. ئالىملارنىڭ ھېسابلىشىچە، قۇياشتىكى ھىدروگېن قۇياشنىڭ يەنە 5 مىليارد يىل يېنىشىغا يېتىدىكەن!
← بارلىق تېمىلار نەمە
قۇياش لاۋۇلداپ يېنىۋاتقان <چوڭ كۆمۈر شارى> مۇ؟ | UyghurWiki | UyghurWiki