UyghurWiki
UyghurWikiنەمەسېرىقلىق چۈشۈش دېگەن نېمە؟

سېرىقلىق چۈشۈش دېگەن نېمە؟

نېمە ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان ئانىلار بالىلىرىغا سېرىقلىق چۈشكەنلىكى ئۈچۈن دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارىدۇ، بىراق ياشانغانلار بالىلارنى سېرىقلىق چۈشۈش نورمال ئىش، دوختۇرخانىغا بېرىشنىڭ ھاجىتى يوق دەپ قارايدۇ. زادى دوختۇرخانىغا بېرىش كېرەكمۇ - يوق؟ سېرىقلىق چۈشۈش فىزىئولوگىيىلىك جەھەتتىن ۋە كېسەللىك جەھەتتىن دەپ ئىككى خىلغا بۆلۈنىدۇ، ئادەتتە ئېيىغا توشۇپ تۇغۇلغانلار ياكى بالدۇر تۇغۇلغان 80% تىن يۇقىرى بالىلار تۇغۇلۇپ ئىككى - ئۈچ كۈندىن كېيىن تېرىدە ئاستا - ئاستا سېرىقلىق پەيدا بولىدۇ. تۆت - بەش كۈندە سېرىقلىق كۈچىيىدۇ، كېيىن ئاستا - ئاستا سۇسلىشىدۇ. سۈتنى ئېمىش ياخشى بولسا، چوڭ تەرەت سېرىق رەڭدە كېلىدۇ، قان سۇيۇقلۇقىدىكى بىلروبىن بىر ئاز ئۆرلەيدۇ. جىگەر ئىقتىدارى نورمال بولىدۇ، نۇرغۇنلىغان كېسەللىكنىڭ يىلتىزىنى تەكشۈرگەندە چوڭ مەسىلە كۆرۈلمەيدۇ. ئېيىغا تولۇق توشۇپ تۇغۇلغان بالىلارنىڭ ئىككى ھەپتە ئىچىدە سېرىقلىق چۈشۈشى بارغانسېرى ئازلايدۇ، بالدۇر تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ بىر ئاي ئىچىدە سېرىقلىق چۈشۈشى سۇسلايدۇ. بۇ خىل سېرىقلىق چۈشۈش فىزىئولوگىيىلىك جەھەتتىن سېرىقلىق چۈشۈش دېيىلىدۇ. بۇ بىر نورمال فىزىئولوگىيىلىك ھادىسە، داۋالىنىشنىڭ ھاجىتى يوق. بىراق كېسەللىك جەھەتتىن سېرىقلىق چۈشكەندە، قان سۇيۇقلۇقىدىكى بىلرۇبىن يۇقىرى ئۆرلەپ، سېرىقلىق چۈشۈشنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتى ئۇزۇن، سۇسلاش ۋاقتىمۇ ئۇزۇن بولۇش ھادىسىسى كۆرۈلىدۇ، چوڭ تەرەت كۈل رەڭ رەڭدە كېلىدۇ ۋە ياكى جىگەر ئىقتىدارى نورمال بولمايدۇ. كېسەللىكنىڭ ئەسلى مەنبەسى مۇسبەت بولىدۇ، گاھىدا ئانىنىڭ قان تىپى بىلەن بالىنىڭ قان تىپى ماس كەلمەسلىك ئەھۋاللىرى يۈز بېرىدۇ. بۇ خىل كېسەللىك جەھەتتىن سېرىقلىق چۈشۈشنى داۋالاش كېرەك، بۇنىڭدىن باشقا، يېڭى تۇغۇلغان نۇرغۇنلىغان بالىلارنىڭ سېرىقلىق چۈشۈشى سۈت سەۋەبىدىن بولىدۇ، بۇ ئانا سۈتى سەۋەبلىك سېرىقلىق چۈشۈش دېيىلىدۇ. بۇ جەھەتتىكى سېرىقلىق چۈشۈش يېڭى تۇغۇلغان بالىلارغا سېرىقلىق چۈشۈشنىڭ 8.3% ىنى ئىگىلەيدۇ، ئانا سۈتى بىلەن بېقىلغان بالىلارنىڭ 25%~30% ىنى ئىگىلەيدۇ
← بارلىق تېمىلار نەمە